باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىسپانىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئۇرۇش قىلىش مانېۋىرى ئۆتكۈزدى

2015.10.26 16:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇچ بۇرجەكلىك تۇتۇشۇپ تۇرىدىغان نۇقتا 2015- يىللىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گوللاندىيە دېڭىز ئارمىيەسى 23- ئۆكتەبىر ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى جادىسغا يېقىن جايدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئۇرۇش قىلىش مانېۋىرى ئۆتكۈزدى. شۇ كۈندىكى مانېۋىرغا قاتناشقان ئوفىتسېر ئەسكەرلەر ئاساسلىقى گوللاندىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيەسىدىن تەشكىللەندى. مانېۋىرغا قاتناشقان قىسىملار كۆپ ئىقتىدارلىق تىرانسپورت پاراخوتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىسىملار بىلەن قۇرۇقلۇققا چىقىشنى تالىشىش، ھەمدە خادىملارنى داۋاملىق توشۇش ۋە پاراخوتتىكى ئاپتوموبىللارنى قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ ئۇرۇش قىلىش قاتارلىق تۈرلەرنى مەشىق قىلدى. گوللاندىيە دېڭىز ئارمىيەسى قومانداننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، گوللاندىيە دېڭىز ئارمىيەسى بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا 1 مىڭ 500 ئوفىتسېر ئەسكەر قاتناشتۇرغان. مانېۋىر شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مەلۇم بىر ئەزا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكەندە، باشقا ئىتتىپاقداشلار دېڭىز ئارقىلىق ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش ئەھۋالى تەقلىد قىلىنغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر