- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
نىگېرىيە ئارمىيەسى 178 تۇتقۇننى قۇتقۇزۇپ چىقتى
2015.08.05 17:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
نىگېرىيە ئارمىيە دائىرىلىرى 2-ئاۋغۇست كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: نىگېرىيە ئارمىيەسى بوكو ھەرەم تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 178 تۇتقۇننى قۇتقۇزۇپ چىقتى. نىگېرىيە ئارمىيە تەرەپ باياناتچىسى گۇساۋۇ باياناتىدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ھەرىكەت نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مەيدىگۇرى شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 70 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا يۈز بەردى، قۇتقۇزۇپ چىقىلغانلار 101 بالا بىلەن 67 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇندىن سىرت ئارمىيە دائىرىلىرى ھەرىكەتتە يەنە بوكو ھەرەم تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن لاگېرىنى ۋەيران قىلدى ھەمدە بىر قومانداننى ئەسىرگە ئالدى. لېكىن ئارمىيە دائىرىلىرى ھەرىكەتنىڭ كونكرېت ۋاقتىنى ئاشكارىلىمىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر