خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلىشىغا بولغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، ساياھەت رايۇنلىرىنىڭ مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈردى. ئالدىنقى يېرىمىدا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن قەشقەرگە كەلگەن ساياھەتچى 1 مىليۇن 993 مىڭ 200 ئادەم(قېتىم)غا، ساياھەتچىلىك كىرىمى 1 مىليارد 693 مىليۇن يۇەنگە يەتتى.
سۈرەتتە: 6- ئاۋغۇست، بىر قانچە نەپەر ئىسپانىيەلىك ساياھەتچى قەشقەر شەھىرى قەدىمىي شەھەر رايونىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلماقتا
مەنبە: خەلق تورى