- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى: ئىسلام دۆلىتىگە ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىمىز
2015.08.07 14:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلى شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاۋغۇست كۇئالالومپۇردا: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۈركىيەدىكى ھەربىي بازىغا يېتىپ كەلدى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىدۇ دېدى.
چاۋۇش ئوغلى مۇنداق دېدى: تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا كېلىشىم ھاسىل قىلدى، تۈركىيە ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ھەربىي بازىلارنى ئېچىۋېتىدۇ.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھاۋا زەربىسى قاناتيايدۇرۇلغاندىن كېيىن، قۇرۇقلۇقتا زەربە بېرىشكە تېخىمۇ بىخەتەر ئۇرۇش قىلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر