باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران دىپلوماتىيەسىدە داۋاملىق مۇزنى ياردى

2015.08.07 14:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدە تارىخىي خاراكتېرلىك كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئىران بىلەن غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى توڭ داۋاملىق ئېرىشكە باشلىدى. فىرانسىيە ئىران زۇڭتۇڭى روھانىينى بۇ يىل نويابىردا فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن، ئىتالىيەمۇ 5-ئاۋغۇست روھانىينى رەسمىي زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.

  ئىران ھۆكۈمەت ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى ئىراندا زىيارەتتە بولىۋاتقان ئىتالىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى دلونى روھانىي بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئىتالىيە زۇڭلىسى لۇنزىنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ: روھانىينىڭ ئىتالىيەدىكى زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ تەكىتلىدى.

  دلونى مۇنداق دېدى: ئىران رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم كۈچ، خەلقئارا جەمئىيەت ئىراننىڭ ماسلىشىشىغا مۇھتاج، ئىتالىيە ئىرانغا مەبلەغ سېلىشنى ناھايىتى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇنداقلا ئىتالىيەنىڭ ئىراننىڭ نېفىت-گاز كەسپىدە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشىنى خالايدۇ، كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىشىپ كارخانا قۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرگە تاۋارلىرىنى ئېكسپورت قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر