باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رۇسىيە ئارمىيەسى يېڭى ئارمىيە تۈرى بولغان ھاۋا قىسمىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى

2015.08.05 17:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگو تۈنۈگۈن: رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ يېڭى ئارمىيە تۈرى بولغان ھاۋا قىسمى قۇرۇلۇپ بولغانلىقى، 1-ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن ئۇرۇش دىجورنىلىقىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  شويگو مۇنداق دېدى: رۇسىيە ھاۋا قىسمى ھاۋا ئارمىيەسى، ھاۋا مۇداپىئە قىسمى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى قىسىمنىڭ نۆۋەتچىلىكى شۇنداقلا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھۇجۇمىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ئالەم بوشلۇقىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ. رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھازىرقى باش قوماندانى بوندارېۋ ھاۋا قىسمىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى.

  رۇسىيە دۆلەت دۇماسى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى كولىنسەيۋىچ مۇنداق دەپ قارىدى: رۇسىيە زامانىۋى تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا، ھاۋا قىسمىنىڭ قۇرۇلۇشى لوگىكىغا ئۇيغۇن توغرا تاللاش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر