باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياشلار ھەرىكەتكە كەلسە، دۆلەت ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ

2015.05.06 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-ئاينىڭ 4-كۈنى-4-ماي ياشلار بايرىمى، بىز ئەمدى بىر نەچچە ياشنىڭ ھېكايىسىگە قۇلاق سالايلى.

  چېن توڭكۈي قاتارلىق يېزىلاردىن يېتىشىپ چىققان تۆت ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچى بۇلتۇر يېڭى يېزىلىقلار گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، ئالاقە تورى تەپەككۇرىدىن پايدىلىنىپ، يۇرتداشلىرىنىڭ بېيىشىغا ياردەم بېرىپ، يۇرتىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ساغلام، يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتتە ساتتى.

  ئادىل مۇھەممەتتۇر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياش خۇنەندىكى 160 مىڭ يۈەنلىك سوقماق ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجابىي تەسىرىنى كېڭەيتىشنى ئويلىدى. ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن پۇل يىغىپ بىر تاۋباۋ دۇكىنى ئېچىپ، سەمىمىي تىجارەتكە تايىنىپ، كۈنىگە نەچچە مىڭنى سېتىشتەك سودا رېكورتىنى ياراتتى. ئۈچ يىلدىن ئارتۇق تەرەققىيات ئارقىلىق، بۇ سوقماق شاھىنىڭ شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى يۈزدىن ئېشىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىلەن ئىجتىمائىي ئۈنۈمدە تەڭ نەتىجە ياراتتى.

  دەۋرىمىز ياشلىرىنى ياخشى دەۋردە ياشىماقتا دېمەي تۇرالمايمىز. ئۇلارنىڭ ئانچە كۆپ تارىخىي بېسىمى يوق، ئۇلار ئالدىنقى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان ماددىي شارائىتقا ئىگە بولدى، ئالاقە تورى قوشۇلغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر قىزغىن دولقۇنىدا، بىز ئالدىدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلارنىڭ دەۋر دولقۇنىدا ئالغا بېسىۋاتقان ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئىكەنلىكىنى كۆردۇق.

  ياشلار تەرەققىي قىلسا، دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. ياشلار ھەرىكەتكە كەلسە، دۆلەت ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ. بىز جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىنىڭ ياشلارنىڭ ئەركىن ئىدىيەسىگە تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ھازىرلاپ، ياشلارنى دۆلەتنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرىدىغان جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلاندۇرۇشىنى كۈتمەكتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر