- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى ئەڭ ياخشى ياش ئىشچىلارنى باھالاپ چىقتى
2015.05.06 15:00 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ 4-ماي ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى تۆت ئاي كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىپ ئىزدەش ئارقىلىق، ئىتتىپاق كومىتېتى ئەڭ ياخشى ياش ئىشچىنى ئىزدەش پائالىيىتىنىڭ 2-پەسىلىدە مەملىكەتلىك يۈز ئەڭ ياخشى ياش ئىشچىنى باھالاپ چىققان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، باھالانغان 2-پەسىللىك مەملىكەتلىك ئەڭ ياخشى ياش ئىشچىلار ئىچىدە، ھەم ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 1-سېپى، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان ياش تېخنىكلار ھەم ئالىي، ئىلغار ساھەلەردىكى پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، كوللېكتىپقا يېتەكچىلىك قىلىپ يۇقىرى پەللىگە چىققان ياش پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى بار ئىكەن.
ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئەڭ ياخشى ياش ئىشچىنى ئىزدەشنىڭ 2-پەسىللىك پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك نامزاتلار يانفون، ئۈندىدار ئارقىلىق ئېرىشكەن قوللاش ئاۋازى ئون مىليون قېتىمغا، يانفون تور بېتىنىڭ چېكىلىش سانى 20 مىليون قېتىمغا يەتكەن.\
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر