باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ب د ت ئەمەلدارى جۇڭگو نېپالنىڭ ياخشى قوشنىسى دېدى

2015.05.06 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ھېلىن كىلارك 4-ماي بېيجىڭدا، جۇڭگو نېپالدىكى 25-ئاپرېل قاتتىق يەر تەۋرىشىدىن كېيىن دەرھال ياردەم قولىنى سۇندى، جۇڭگو ھەقىقەتەن نېپالنىڭ ياخشى قوشنىسى دېدى.

  كىلارك مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئۆزىدىمۇ ئېغىر ئاپەتلەر يۈز بەردى، ھەر قېتىم جىددىي مېخانىزم يولغا قويغاندىن سىرت، يەنە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، تېخىمۇ مۇۋاپىق ئۇسۇللارنى قوللاندى. جۇڭگوغا ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تېزدىن ياردەم بەردى، جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا ئەرزىيدۇ.

  يەر تەۋرىگەندىن كېيىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى نېپالغا 20 مىليون يۈەنلىك جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ئەشيا ياردىمى بېرىشنى دەرھال قارار قىلدى. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئارقىدىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى يەنە 2-تۈركۈمدىكى ياردەمنى بەردى، بۇ-40 مىليون يۈەنلىك سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسى، تاشقى جاراھەتنى جىددىي داۋالاش بوغچىسى، چېدىر، ئەدىيال قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ دۆلەت دەرىجىلىك بەش داۋالاش ئەترىتى نېپالدا داۋالاش ياردىمى بەرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر