باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا ئەندىزىسى تېز ئۆزگەردى

2015.05.06 15:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 117-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋار يەرمەنكىسىدىن ئۇقۇشىچە، نۆۋەتتە ئېلىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچكى بازاردىكى سودىسى بارغانسېرى قىزىپ كەتكەن، تېخىمۇ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتى بارغانسېرى كۆپەيگەن، گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا ئەندىزىسى تېزدىن ئۆزگىرىشكە باشلىغان.

  ھەممىگە ئايانكى، 58 يىللىق تارىخقا ئىگە گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى-ئېلىمىز تاشقى سودىسىنىڭ بارومېتىرى ۋە كۆرسەتكۈچى بولۇپ قالدى. بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدە، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاشقى سودىسىدىكى بۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەر چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يەر شارى بازىرىغا ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشتىكى قىممەتلىك يىپ ئۇچىنى يەتكۈزۈپ بەردى.

   بۇرۇنقى نۆۋەتلىك يەرمەنكىلەرگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ھازىر كىشىلەر گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدە دۆۋىلەپ قويۇلغان سامساق، سەۋزە، زەنجىۋىل، كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى ئاز كۆرىدىغان بولۇپ قالدى، ئەمدىلىكتە يەر شارىدىكى سودىگەرلەرنىڭ كۆز ئالدىدا تېخىمۇ ۋە ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن سامساق توغرامچىسى، زەنجىۋىل تالقىنى، مېۋە قېقى ۋە سۇسىزلاندۇرۇلغان كۆكتات، توڭلىتىلغان يېڭى مەھسۇلاتلار پەيدا بولدى. بۇ-ھەم ئېلىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارا كەسىپ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىگە ئۇيغۇنلىشىپ ئۆزگىرىش ياسىغانلىقىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولدى ھەم يەر شارى بازىرىغا تېخىمۇ مول سودا تاللاش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر