- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ماي بايرىمىدا ئۇزۇن ۋاقىت، كەڭ كۆلەملىك قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بەرمىدى
2015.05.06 14:59 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن قاتناش-تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر مەلۇم قىلغان يول قاتنىشى ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 1-ماي سائەت نۆلدىن 3-ماي سائەت 17-گىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاشيول تورىنىڭ قاتنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى بولغان، ئۇزۇن ۋاقىت، كەڭ كۆلەملىك قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بەرمىگەن. بۇ يىل ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېز سۈرئەتلىك تاشيوللار ۋە مۇھىم دۆلەت، ئۆلكە غول تاشيوللىرى، چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ تاشيول قاتنىشى مىقدارى بۇلتۇرقى ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكىدىن داۋاملىق ئاشقان؛ بايرامدا ھەقسىز قاتناش، بايراملىق يول تورى قاتنىشى، سەپەرگە چىقىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش ھەم مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتى دائىملاشتۇرۇلغان؛ پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاشيول تورىنىڭ قاتنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، تەرتىپلىك بولغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر