باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بىر بەلباغ بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى زامانىۋىلاشقان ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىش

2015.03.26 16:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خى لىفىڭ 22-مارت مۇنداق دېدى:«بىر بەلباغ بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى زامانىۋىلاشقان ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىش. ئۇ مۇنداق دېدى: ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش-ئۇل ئەسلىھە، تۈزۈم قائىدە، خادىملار ئالاقىسىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇل ئەسلىھە ئاساس. ئۇ «بىر بەلباغ بىر يول»نىڭ ئالدىن تاللايدىغان ساھەسى بولۇشى كېرەك.

  ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ كۆپ تەرەپلىك ۋاقىتلىق كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باش كاتىپى جىن لىچۈن مۇنداق دېدى: ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى - ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات ئورگىنى. «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە باشقا دۆلەت رايونلارغا تېخىمۇ كۆپ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىمۇ باشقا دۆلەتلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  سودا مىنىستىرى گاۋ خۇچىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسىدىكى مۇھىم مەزمۇن بولسا-ئەتراپنى تايانچ قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى تور قۇرۇلۇشىغا، سودىنى قولايلاشتۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ياخشى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە سىياسەت مۇھىتى يارىتىشتىن ئىبارەت.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمىدىن باشقا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رايون ئىقتىسادى شېرىكلىك مۇناسىۋىتى سۆھبىتى، جۇڭگو -كورېيە، جۇڭگو ئاۋسترالىيەنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتى ناھايىتى ياخشى، بۇلارنىڭ ھەممىسى «بىر بەلباغ بىر يول» دائىرىسىدە. يۇقىرى ئۆلچەملىك، ئەتراپنى ئاساس قىلغان يەر شارى ۋە رايون ئەركىن سودا رايونى تورى بەرپا قىلىش-«بىر بەلباغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر