باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ھالقىپ باجدىن قېچىشقا كۈچلۈك زەربە بېرىلىدۇ

2015.03.26 16:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كارخانىلارنىڭ چەتئەللەردىكى مۇناسىۋەتلىك تەرەپكە ھەق تاپشۇرۇش ئاساسى پىرىنسىپى، باشقۇرۇش تەلىپى ۋە باج ئورگانلىرى يىل چېكىنى سۈرۈشتۈرۈش، تەڭشەش قاتارلىق ئالاقىدار مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ئېنىق بېكىتتى، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئېنىق قىلىپ كۆرسىتىلدى: كارخانىلار چەتئەللەردىكى ئالاقىدار تەرەپكە ھەق تاپشۇرغاندا ئۇ مۇستەقىل سودا پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن بولۇشى شۇنداقلا باج ئورگانلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆزىنىڭ ئالاقىدار تەرەپ بىلەن ئىمزالىغان توختام ياكى كېلىشىمى شۇنداقلا سودىنىڭ راستلىقى ۋە مۇستەقىل سودا پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئالاقىدار ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك، ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىش ھەققى بېرىشنىڭ مۇستەقىل سودا پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى ھۆكۈم قىلىشتا نەپ ئېلىش ئانالىزى يۈرگۈزۈش شۇنداقلا كارخانىلار ئالاقىدار تەرەپ تەمىنلىگەن ئۇنىڭغا ئىقتىسادى نەپ ئېلىپ كېلەلمەيدىغان ئىش ھەققىنى قوبۇل قىلغانلىقى بېكىتىلسە، كارخانا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجىنى ھىسابلىغاندا ئۇنىڭدىن بۇ باجنى ئالماسلىق كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر