- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكا ئارمىيەسى رۇسىيەنىڭ مانېۋىردىن ھالقىپ ئۆتۈپ تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلىپ باردى
2015.03.26 09:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە شىمالى قۇتۇپتىن تىنچ ئوكيانغىچە بولغان چوڭ كۆلەملىك تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇش تەييارلىقىنى تەكشۈرۈشىنى 21- مارت ئاخىرلاشتۇرۇپ تۇرۇشىغىلا ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ نازۇك رايونلاردىكى ھەربىي مانېۋىرى شۇ كۈنى باشلاندى. ئامېرىكا قوشما ئىشتات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئامېرىكا ئارمىيەسى 21- مارت ۋارشاۋاغا يېقىن بولغان سوخاچىفدا پولشانىڭ بىرلەشمە ئارمىيەسى بىلەن مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. رۇسىيەدە چىقىدىغان كۆز قاراش گېزىتىنىڭ 22- مارت خەۋەر قىلىشىچە: ئېستونىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئامېرىكىنىڭ 150 ئەسكىرى 21- مارت ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ھەربىي بازىسىدىن يولغا چىقىپ، ئۇزاق مۇساپىلىك ماتورلۇق مانېۋىرنى باشلىغان. بۇندىن بىر كۈن ئىلگىرى، كانادانىڭ 200 ئەسكىرى كانادانىڭ شىمالىي قۇتۇپ چېگرا رايونىدا مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. 2-ئاينىڭ 31- كۈنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يەنە لاتۋىيەدە يازلىق قالقان ھەرىكىتى ناملىق مانېۋىرنى باشلىغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر