باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ تايلاندلىق مېھمانلار بىلەن سۆھبەتلەشتى

2015.03.26 10:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا تايلاند قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنىڭ رەئىسى پېڭپېي بىلەن سۆھبەتلەشتى. جياڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن تايلاند دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەھۋالىدا قانداق ئۆزگىرىش يۈز بېرىشتىن قەتئىي نەزەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر ياخشى راۋاجلاندى. رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرى، ئەتراپتىكىلەر بىلەن يېقىن ئۆتۈش، ئۆزئارا سەمىمىي بولۇش، بىر-بىرىگە نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قۇرساق بولۇشتەك دىپلوماتىيە قارىشى ۋە جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. تايلاند شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئەزاسى، شۇنداقلا دېڭىز يىپەك يولى بويىدىكى مۇھىم دۆلەت. ئىككى تەرەپلىك دوستلۇق ھەمكارلىقتا دۇچ كېلىدىغان يېڭى پۇرسەتلەرنى كۆپەيتىش زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىيدىكى ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىربىرىنى قوللاش ۋە ياردەم بېرىشنى باشتىن-ئاخىر داۋاملاشتۇرۇشىنى، رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىنى بىرلىكتە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تايلاند قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىربىرىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەينەك قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ئۈچۈن ياخشى قانۇنچىلىق مۇھىتى يارىتىشنى خالايدۇ.

  پېڭ پېي مۇنداق دېدى: تايلاند خان جەمەتى، ھۆكۈمىتى، پارلامېنتى، ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ جۇڭگوغا دوستلۇق مۇھەببىتى بار. تايلاند قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تايلاند بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر