باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى باھالاش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بېيجىڭغا كەلدى

2015.03.26 16:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى باھالاش كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالېكساندر ژۇكوۋ 23-مارت چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭغا كەلدى. جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ پېڭ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئىلتىماس قىلىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ئەنشۈن ئايرودرومغا بېرىپ كۈتۈۋالدى. بۇنىڭ بىلەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى باھالاش ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى بېيجىڭغا كەلدى.

  بۇ قېتىم بېيجىڭغا كەلگەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2022-يىللىق مۇسابىقىنى ئۆتكۈزىدىغان شەھەرلەرنى باھالاش ئۆمىكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باھالاش كومىتېتى ۋە خىزمەت ئەترىتى 19 كىشىدىن تەركىب تاپقان . 24- مارتتىن باشلاپ بېيجىڭ ۋە جاڭجياكونى تەكشۈرىدۇ.

  بۇ مەزگىلدە ئۇلار بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش كومىتېتىنىڭ ئاساسى تېمىلىق بايانىنى ئاڭلايدۇ، نەق مەيداننى تەكشۈرىدۇ ھەمدە ئاڭلاش، سوراش، ئالاقىلىشىش قاتارلىق ھالقىلار ئارقىلىق، بېيجىڭنىڭ جاڭجياكو بىلەن بىرلىكتە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ. باھالاش كومىتېتى يەنە بېيجىڭ، يەنچىڭ، جاڭجياكودىكى مۇسابىقە مەيدانلىرى ۋە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلمەيدىغان مەيدان سارايلارنى تەكشۈرىدۇ. تەكشۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بۇ كومىتېت مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش دوكلاتى ۋە باھالاش تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئۇنىۋېرسال قاراپ چىقىپ، باھالاش دوكلاتىنى تۈزۈپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىگە سۇنىدۇ ھەمدە بۇ يىل 6-ئايدا نامزات شەھەرنى تاللاشقا دەسلەپكى قەدەمدە ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر