باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىق- تەربىيە خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، لوپ ناھىيەسىدىن كەلگەن بىر ئاددىي دېھقان لىكسىيە سۆزلىدى

2015.03.26 13:31         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۆگۈن ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىق- تەربىيە خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، لوپ ناھىيەسىدىن كەلگەن بىر ئاددىي دېھقان ئايال ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىدىن چۈمبىلىنى ئېلىۋېتىپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى بولغانغىچە بولغان جەرياننى سۆزلەپ بەردى.

  بۇ دېھقان ئايالنىڭ ئىسمى ھەبىبە مەتسالى بولۇپ، لوپ ناھىيە لوپ بازىرىنىڭ دۈۋەت كەنتىدىن، بۇ يىل 39 ياشتا. ئۇ «مەكتەپتە ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق» دەيدىغان قاراشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئائىلىسىدە دېھقانچىلىق قىلدى. ئۇ تۇرىۋاتقان كەنتتە دىن كەيپىياتى بىر قەدەر قويۇق بولغاچقا، ئۇ تەدرىجىي دىن مۇخلىسى بولدى.

  ھەبىبە مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:- بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، كەنتتە نۇرغۇن ئايال يۈزىنى ئورۇۋالدى، بەزىلەر ئاياللارغا يۈزىنى ئورۇۋېلىشقا بۇيرۇق قىلدى. لېكىن، نىمىشقا يۈزىنى ئورۇۋالىدىغانلىقنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق بىلمەيتتىم. يۈزۈمنى ئورۇۋېلىشنى باشقىلاردىن ئۆگەنگەندىم. شۇ ۋاقىتتا چوقۇم يۈزىنى ئورۇۋېلىپ يۈرۈش كېرەك دەپ، ھىس قىلغانتىم. لېكىن، دوختۇرخانا قاتارلىق ئاممىۋىي سورۇنلاردا بەكمۇ قولايسىزلىق ئېلىپ كېلەتتى. باشقىلار غەلىتى نەزىرى بىلەن ماڭا قارايتتى. باشقىلارنىڭ چىرايلىق ئەتلەس كۆينەك كىيىۋالغانلىقىنى كۆرسەم، كۆڭلۈم بىر قىسما بولاتتى.

  كۆڭلى ئېچىلالمىسىمۇ، ھەبىبە يەنىلا يۈزىنى ئوراپ يۈرۈش كېرەك، دەپ قارىدى. شۇڭا، ئائىلىسىدىكىلەر، كەنت كادىرلىرى دائىم ئۇنىڭغا پەندى-نەسىھەت قىلىپ تەربىيە ئىشلىدى. لېكىن، بۇ خىزمەت ئۇنىڭغا قىلچە تەسىر قىلمىدى. ئەكسىچە، ئۇنىڭدا قارشىلىشىش پىسخىكىسى پەيدا قىلدى. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئاز پاراڭلىشىدىغان بولدى. ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- يارەنلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلدى.

  بۇلتۇر ئەھۋالدا زور بۇرۇلۇش بولدى. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتكە كەلگەندىن كېيىن، بىر كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە، كەنتتە تۇرۇشلۇق بىر كادىرنىڭ بىر سۆزى ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قىلدى. ھەبىبە ئەسلەپ مۇنداق دېدى:- بۇلتۇر مالىيە نازارىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ما ئۆيۈمگە كەلگەندىن كېيىن، قىزىمنىڭ خەنزۇ تىلى تاپشۇرۇقىنى ئەستايىدىل ئىشلەۋاتقانلىقىنى، خەنزۇچىنى ئوبدان سۆزلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، مەندىن «قىزىڭىزنى ئوبدان تەربىيەلەپسىز، نىمىشقا يەنە يۈزىڭىزنى ئوراپ يۈرۈيسىز؟» دەپ سورىدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ، مەن قانداق بولۇپ قالدىم؟ مەن قىزىمغا باشلامچى بولۇشۇم كېرەكتىغۇ، دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭ بۇ گېپى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەبىبە ئاستا- ئاستا چۈمبىلىنى ئېلىۋەتتى. ئائىلىسىدىكىلەر، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- يارەنلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىمۇ تەدرىجىي ياخشىلاپلا قالماي، چىرايلىق ئەتلەس كۆينەكنى كىيىپ، بازارغا بارىدىغان بولدى.

  يەنە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، كەنت كادىرلىرى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ تەربىيەسى، ياردەم بېرىشى بىلەن ھەبىبە بۇلتۇردىن بۇيان، ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، 20 دىن كۆپرەك كەنت ۋە ھەر قايسى يېزا- بازارلاردىكى چوڭ سەھنىلەردە 70 مەيدان، قېتىمدىن كۆپرەك سەييارە لېكسىيە سۆزلەپ، ئاچا- سېڭىللىرىنى دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، زامانىۋىي تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغان ياخشى ئانا، ياخشى ئايال، ياخشى قىز بولۇشقا دەۋەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:- پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە رەھمەت. مەن ھازىر يۈزىنى ئۇرۇۋالغانلارنى ئۇچرىتىپ قالسام، ئۇدۇللا ئۇ ئايالغا بۇنداق قىلىش ئۆزىڭىزگە، ئائىلىڭىزگە، جەمئىيەتكە ياخشى ئەمەس. تېزدىن چۈمبىلىڭىزنى ئېلىۋېتىپ، بەختىيار، شادلىققا تولغان تۇرمۇشقا ئىنتىلىڭ، دەيدىغان بولدۇم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر