باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ 21-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

2015.03.26 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەدلىيەنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشنى تۈپ ئۆلچەم قىلىپ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تەۋرەنمەسلىك كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 25-مارت تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 24-مارت چۈشتىن كېيىن ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش توغرىسىدا 21-قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىل، ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق سوتسىيالىستىك ئەدلىيە تۈزۈمى ئورنىتىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئەتى، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ توغرا سىياسەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەدلىيەنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشنى تۈپ ئۆلچەم قىلىش، دۆلەتنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىش بىلەن ئەدلىيە قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش، مەسىلىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتا تەۋرەنمەي، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، دادىل ئىلگىرىلەپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر