باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى ئېچىلدى

2015.03.26 13:29         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۇڭ ئەيرۇڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى ئېچىلدى. يىغىندا، 2015- يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. «‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2015- يىللىق نوقتىلىق خىزمەتلىرى› نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ 20 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى ئېنىق بېكىتىلدى.

  بۇ 20 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى- «پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، تەشكىلات ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىستىلنى ياخشىلاش» قاتارلىق 4 تەرەپنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككى تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىككىنى ئاساس قىلىش ۋە ئىككىنى قاپلاش قاتارلىق مەزمۇنلارغا كونكرېت چېتىلىدىغان بولۇپ، ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا مەسئۇل ئورۇنلار، مەسئۇل كىشىلەر ۋە تاماملاش سۈرۈكى قاتارلىقلار ئېنىق كۆرسىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر