باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جىڭشىڭ ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2015.03.26 10:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جىڭشىڭ 23-مارت ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تانىگاكى ۋە ياپونىيە ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىنۇۋىيۇ يوشىكو باشچىلىقىدىكى ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

  يۈ جىڭشىڭ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كەلمەكتە، ياخشىلانماقتا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ ۋاقىتتا زىيارەتكە كېلىشى- مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ھاسىل قىلغان تۆت نۇقتىلىق پىرىنسىپال ئورتاق تونۇشىغا ھەقىقىي ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر ئالاقىسى جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىككى پارتىيە بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسى ۋە مېخانىزملاشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆز-ئارا نەپ يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاشنى خالايدۇ.

  تانىگاكى ۋە ئىنۇۋىيۇ يوشىكولار مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: ئۆتكەن يىلى ئىككى دۆلەتنىڭ ئالى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ئاساس سېلىپ بەردى. ياپونىيە بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلىرىنىڭ مېخانىزملاشتۇرۇش ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياپونىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر