- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار داۋالاش ماجىرالىرى خەلق مۇرەسسە كومىتېتى بىلەن ماسلاشتۇرۇلىدۇ
2015.03.26 16:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭخۇا مەملىكەتلىك خەلق مۇرەسسە خادىملىرى جەمئىيىتى 19-مارت مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: ئېلىمىزدىكى 810 مىڭدىن كۆپرەك خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتى 7 يىلدىن بۇيان 58 مىليوندىن كۆپرەك زىددىيەتنى ھەل قىلغان. كېيىنكى باسقۇچتىكى خەلق مۇرەسسە نۇقتىسى دوختۇر بىلەن بىمارلار ئارىسىدىكى ماجىرالارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش ھەمدە ئىنتېرنېت تورى ساھەسىگە قارىتىلىدىكەن. يېقىنقى بىر ئىككى يىل ئىچىدە ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنى داۋالاش ماجىرالىرى خەلق مۇرەسسە كومىتېتى بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىلىدىكەن. خەلق مۇرەسسەسىدە تالاش تارتىشنى دوختۇرخانىدىن دوختۇرخانىنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىلىشىشى، مەسىلىنى ھەل قىلىشى، دوختۇرخانىنىڭ نورمال داۋالاش تەرتىپىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىدۇ،ئۇندىن باشقا داۋالاش خادىملىرىنى زوراۋانلىق قىلىپ يارىلاندۇرىدىغان يامان ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر