- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى: 1-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تارقاتتى
2015.03.26 10:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا «1-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى» بېسىپ تارقاتتى، 2015-يىلى 3-ئايدىن 12-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەتنىڭ تور بېكەتلىرى تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرىلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئېنىقلاش، بەزى ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدە ساقلىنىۋاتقان ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان «ۋاقتىدا ئۇچۇر تارقاتماسلىق، توغرا بولماسلىق، جاۋاپ قايتۇرۇلماسلىق، ئەمەلىي بولماسلىق» قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش، ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ ئۇيقۇدا قېلىش ئالامەتلىرىنى ھەقىقىي تۈگىتىش.
«ئۇقتۇرۇشتا» مۇنۇلار تەكىتلەندى: رايونلار، تارماقلار ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۆز ئۆزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ياخشى تەشكىللەپ، تەدرىجىي تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، سانلىق ئۇچۇرنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكى، توغرىلىقى، مۇكەممەل ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى سېستىمىلىق سايىلاش ۋە ئادەم كۈچى بىلەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى مەلۈم قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر