باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، ئافغانىستان ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىش ۋاقتىنى 2017-يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا ۋەدە بەردى

2015.03.26 09:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كات 23- مارت، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىمغا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىش ۋاقتىنى 2017- يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، ھەمدە پارلامېنتتا پۇل ئاجرىتىش ئۈستىدە ئاتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئافغانىستان ۋە ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بىرلىكتە، ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ كۆلىمىنى 352 مىڭغا يەتكۈزۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. ئۇ، بۇ كۆلەمنىڭ ئافغانىستان ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئۈچۈن غايەت زور چىقىم ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، ئافغانىستاننىڭ ئارمىيە كۆلىمىنى ئۇزاق مۇددەت ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر