خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-مارت، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما يېقىن ئەتراپتىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جياڭ ۋېنياۋ فوتوسى)
25-چېسلا سائەت 0:28دە، شىنجاڭ قاراماي شەھەرلىك فېڭخۇا رايونىغا يېقىن ئەتراپتىكى بىر قەۋەتلىك ئۆيلەرگە ئوت كەتكەن بولۇپ، ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئىككى ئادەم يارىلانغان. ئوت ئاپىتىدىن كىيىن، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەر جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلغان. 25-چېسلا سائەت 21:00گىچە، 292 نەپەر ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما بىخەتەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئاپەتتىن كېيىنكى ئىشلار جىددىي بىر تەرەپ قىلىنماقتا.
ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، يەرلىكتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش، سەھىيە قاتارلىق بۆلۈملەر تېزلىكتە نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش ئىلىپ بارغان. بىراق 24-چېسلا كەچتىن 25-چېسلا سەھەرگىچە 9 بال بوران قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە نۇرغۇن قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، نەق مەيداندىكى ئوت دائىرىسى مىڭ كۋادرات مېتىر، نەق مەيداندا كارخانا، ئايرودروم قاتارلىق يەرلەردىكى ئوت ئۆچۈرۈش كۈچلىرى بىرلىكتە قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان بولۇپ، 25-چېسلا سائەت 5:30لار ئەتراپىدا، ئوت ئاپىتى كۆرۈنەرلىك تىزگىنلەنگەن.
ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلدى ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇردى.
مەنبە: خەلق تورى