باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

گوۋۇيۈەننىڭ بۇ يىللىق قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى مۇھىم نۇقتىلىرى بېكىتىلدى

2015.03.26 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 25-مارت تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لې كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 25-مارت گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ بۇ يىللىق قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى مۇھىم نۇقتىلىرى بېكىتىلدى.

  يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ 2015-يىللىق قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ پىلانى ماقۇللىنىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنى قۇرۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتلەردىكى مۇھىم قانۇن چىقىرىش تۈرلىرى بېكىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىش نىزامى، مۇھىت ئاسراش باج قانۇنى قاتارلىق جىددىي بولغان قانۇن چىقىرىش تۈرلىرى ئىمكانقەدەر تېزدىن قاراپ چىقىشقا سۇنۇلىدۇ، شەھەر، بازار تۇرالغۇ كاپالىتى نىزامى، ئېتىز ۋە سۇ ئىنشائاتى نىزامى، ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسىنى باشقۇرۇش چارىسى قاتارلىق قانۇن چىقىرىش تۈرلىرى چىڭ تۇتۇپ تاماملىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر