باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە تۈرتكە بولۇش ستراتېگىيەسىنى يولغا قويدى

2015.03.26 13:33         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە تۈرتكە بولۇش ستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېڭى كەسىپلەرنى مەبلەغ جەھەتتە قوللاش سالمىقىنى زورايتىش ئارقىلىق، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە كەسىپلەر قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈردى.

  بۇ ئىككى كۈندە قاراماي شەھىرى پەن- تېخنىكا موزىيى قۇرۇلۇش نەق مەيدانى قاينام- تاشقىنلىققا چۈمدى. پىلان بويىچە سىرتقى شەكلى «K» خېتىگە ئوخشىتىپ سېلىنىدىغان بۇ بىنا بۇ يىل 8- ئايدا پۈتتۈرۈلۈپ، قاراماي شەھىرىنىڭ يېڭى يەر بەلگىسى قىلىنىدۇ. شىنجاڭ يۇڭشېڭ قۇرۇلۇش گۇروھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى لياۋ جيەنگو مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:- چوڭ تىپتىكى غەيرى شەكىللىك ئىمارەت قۇرۇلمىسى ھالقىلىق تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشى قۇرۇلۇشتا 6 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغنى، تەخمىنەن 4 مىڭ ئادەم كۈچىنى تېجەپ بېرىدۇ. بۇ تېخنىكا ئاپتونوم رايوننىڭ پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىنىڭ 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بىزنىڭ نەتىجىمىز دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بۇ 45 گرادۇسلۇق يانتۇ پولات چىۋىقلىق بېتون قۇرۇلمىسى سىستېمىسى بولۇپ، بۇ تۈردە 10 نەچچە تۈرلۈك كەشپىيات پاتېنتى بارلىققا كېلىپ، بىۋاستە يارىتىلغان ئىقتىسادىي ئۈنۈم 3 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.

  بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە پاتېنت ئىلتىماسى 10 مىڭ 210 پارچىگە يېتىپ، تۇنجى قېتىم 10 مىڭ پارچىلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى. قۇرۇلۇش- بىناكارلىق، نېفىت، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە بىر تۈركۈم زور پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرى بارلىققا كەلدى. پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش- ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىدە تېزدىن بۇرۇلۇش ياساپ، رايون ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم سۇنماس قانات بولۇپ قالدى.

  شىنجاڭ يۈخۇا توقۇمىچىلىق پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن 30 يۈرۈش ھاۋا ئېقىمىلىق ئىگىرىش توقۇمىچىلىق ئۈسكۈنىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىركەتنىڭ يىللىق پاختا ئىگىرىش مىقدارى 35 مىڭ توننىغا يەتتى. شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لو رۇڭچىڭ مۇنداق دېدى:- كېيىنكى يېرىم يىلدىن 2016- يىلىغىچە 100 مىڭ ئۇرچۇقلۇق چىڭ يىپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تۈرى تاماملىنىپ، 3 يىلدىن 5 يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە بىز كەسىپلەر باغچا رايونىنى تىرىشىپ يىپ ئىگىرىش، رەخت توقۇش، كىيىم- كېچەك كەسپى مەركەزلەشكەن چوڭ تىپتىكى توقۇمىچىلىق گۇروھى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسىپلىرىگە 12 مىليارد يۈەندىن كۆپ مەبلەغ سالىدۇ ھەمدە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىشلىتىلىدىغان توكتا بىر كىلوۋات سائەت توك 38 پۇڭ بولۇشتەك ئالاھىدە توك باھاسى سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ. ئەنئەنىۋىي كەسىپلەر ئەلالىشىش، دەرىجىسى ئۆسۈش بىلەن بىرگە، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىياللار ۋەكىللىكىدىكى ستراتېگىيەلىك يېڭى گۈللەنمە كەسىپلەرمۇ تېز قەد كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى. كەلپىن ناھىيەسىنىڭ باياۋان قاقاسلىقىغا ماكانلاشقان ئومۇمىي قۇراشتۇرما گېنېراتورلار سىغىمى 1 مىليون 200 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق- ۋولت كەسىپلەر باغچىسى تۈرى نۆۋەتتە 190 مىڭ كىلوۋاتلىق كۆلەمگە ئىگە بولدى. بۇ يىل يەنە 2 مىليون 200 مىڭ كىلوۋولتلۇق بېسىم ئاشۇرۇش پونكىتى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش پۈتسە يىلىغا 47 مىڭ توننىدىن كۆپرەك ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. جۇڭگو ئېلېكتر ئېنېرگىيە سېلىنمىسى شىنجاڭ ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى گۇروھى كەلپىن يورۇقلۇق- ۋولت ئېلېكتر ئىستانسىسى تۈرىنىڭ مەسئۇلى سۈن لياڭلياڭ مۇنداق دېدى:- 220 كىلوۋولتلۇق بېسىم ئاشۇرۇش پونكىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە، پۈتكۈل يورۇقلۇق- ۋولت كەسىپلەر باغچا رايونىدىكى بارلىق يورۇقلۇق- ۋولت ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يورۇقلۇق- ۋولت باغچا رايونىنىڭ توكىنى دۆلەت ئېلېكتر تورىغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

  بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز 120 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، 115 تۈرلۈك ستراتېگىيەلىك يېڭى گۈللەنمە كەسىپلەردىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنى تەتقىق قىلىش، كەسىپلەشتۈرۈش ۋە 37 تۈرنى داۋاملاشتۇرۇشنى قوللىغانىدى. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يەنە تەكىتلىدى. بۇ يىل ستراتېگىيەلىك يېڭى گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ نىشانلىق مەھسۇلات قىممىتى 200 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۈنلىن مۇنداق دېدى:- ئاپتونوم رايونىمىز بۇنىڭدىن كېيىن ئوت ئېلېكتر گېنېراتورلار ياسىمىچىلىقى، يورۇقلۇق- ۋولت گېنېراتورلار ياسىمىچىلىقىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىدۇ. يەنە ئۇچۇرچىلىق كەسپى تەرەققىياتى ۋە ئۇچۇر يوللىرى، ئۇچۇرچىلىق ئۈسكۈنىلىرى ياسىمىچىلىقىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئەڭ ئاخىرى شىنجاڭنىڭ 1-، 2-، 3- كەسىپلىرى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر