باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مۈشۈكئېيىقتىنمۇ ئاز ئۇچرايدىغان ھايۋان_ غۇلجا موغىسى جۇڭگودا 20 يىلدىن كىيىن قايتا پەيدا بولدى (1)

2015.03.26 13:56   مەنبە: خەلق تورى

مۈشۈكئېيىقتىنمۇ ئاز ئۇچرايدىغان ھايۋان_ غۇلجا موغىسى جۇڭگودا 20 يىلدىن كىيىن قايتا پەيدا بولدى (1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ26-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 20يىلدىن كىيىن، تاشقى قىياپىتى «ئېيىق تەيدى»غا ئوخشايدىغان غۇلجا موغىسى يەنە بىر قېتىم جۇڭگودا پەيدا بولغان. ئىگىلىنىشچە، بۇ خىل ھايۋان بىزنىڭ دۆلەت گۆھىرىمىز مۈشۈكئېيىقتىنمۇ ئاز ئۇچرايدىكەن.

  غۇلجا موغىسى بولسا بىر خىل بەدىنى كىچىك تاغدىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، 20 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا، قۇلاقلىرى چوڭ، دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا ئەڭ يېقىن ھايۋانلارنىڭ بىرى، تەبىئى ياشاش ماكانىدا ھازىرقى سانى 1000غىمۇ يەتمەيدۇ.

  ئىگىلىنىشچە، جۇڭگولۇق ئالىم لى ۋېيدوڭ 1983- يىلى تەڭرىتاغ تىزمىسىدا تۇيۇقسىز بۇ ھايۋاننى بايقاپ قېلىپ، ئۇنى يېڭى تۈر قىلىپ بېكىتكەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرى ئالىملار ئۇنىڭ سانىغا سىتاستىكا ئېلىپ بېرىپ،2000 دانە ئەتراپىدا مۆلچەرلىگەن. ئۇنىڭدىن كىيىن، موغا كىشلەرنىڭ نەزىرىدىن يوقاپ كەتكەن. ئالىملارنىڭ ئېيتىشىغا ئاساسلانغاندا، غۇلجا موغىسى بايقالغاندىن باشلاپ، ئۇنىڭ سانى 70 % ئەتراپىدا ئازلاپ كەتكەن. غۇلجا موغىسى پەقەت جۇڭگونىڭ شىنجاڭ تەڭرىتاغ تىزمىسىدىلا ياشايدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇنىڭ ياشاش راينى تەھدىتكە دۇچ كېلىپ، سانىمۇ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·قازاقىستان زوڭلىسى مەسىموف بۈگۈندىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ
      ·شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن ئېلان قىلىنىدۇ
      ·بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىنتىرنېت تورىغا ئۇلىنىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن …
      ·شىنجاڭ مەدەنىيەت سەنئەت قابىللىرىنى نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەقسىز تەربىيىلەش بويىچە ئوقۇغۇچى…
      ·ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە تىزىملاش خىزمىتى باشلاندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نەتىجە ئۇچۇرى قاتارلىقلار 3 يىل ساقلىندۇ
      ·ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسنى ئېلان قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يەنە باشلىنىدۇ
      ·شىنجاڭنىڭ بۇ يىلقى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى غەمخورلۇق قىلىش سىياسىتى « ئورۇقلىدى»
      ·نەزەربايوف كېلەر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نامزاتى بولدى