باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يېڭشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپ «نورۇز بايرىمى» نى تەبرىكلەش 4-نۆۋەتلىك بوكىس تەكلىپلىك مۇسابىقە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2015.03.26 16:18   مەنبە: خەلق تورى

يېڭشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپ «نورۇز بايرىمى» نى تەبرىكلەش 4-نۆۋەتلىك بوكىس تەكلىپلىك مۇسابىقە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

  ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى: ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ «باھار بايرىمى»_نەۋرۇز. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن كورلا شەھىرىنىڭ يېڭشەر يېزا مەركىزى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ مەيدانىدا «يېڭشەھەر يېزا نورۇز مەشرىپى» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە كورلا شەھىرىنىڭ پىشقەدەم شەھەر باشلىقى مىجىت ھەسەن ئاكا، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كروران ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۆمەر مۇھەممەد ئىمىن (كروران)، كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى، كورلا شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات مەركىزىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار، كورلا شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا، بازارلىرىدىكى مەكتەپ مۇدىرلىرى، شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، يېڭشەر يېزىلىق ساقچىخانا ۋەكىللىرى، بايىنغولىن ئوبلاستتى، كورلا شەھىرىدىن يېڭشەر يېزىسىنىڭ ھەر قايسى كەنتلىرىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى يولداشلار كورلا شەھىرى يېڭشەر يېزا يېڭشەر كەنت 1-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق يەككە تىجارەتچى مۇھەممەد تۇرسۇن، يېڭشەر كەنت 2-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات مەخسۇم روزى، مائارىپنى قوللىغۇچى ئىلغار شەخسلەر، ۋە ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار بىر تەرەپتىن نەۋرۇز شاتلىقىغا چۆمۈپ خوشال-خورام ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوينىغاچ نەۋرۇز ئېشىغا ئېغىز تەگدى. بۇ پائالىيەتكە يەنە كورلا شەھىرىنىڭ ھەر قايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆسىن خەت، ماي بۇياق، ھەيكەلتاراشلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، جۇڭگوچە رەسىم، ۋە فوتو-سورەت قاتارلىق 200پارچىدىن ئارتۇق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلدى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن يېڭشەر يېزا مەركىزى مەكتەپ مۇدىرى ئەنۋەرجان ياسىن بۇ مەكتەپنىڭ بوكىس كوماندىسىنىڭ تۆت يىلدىن بۇيانقى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ھەمدە بوكىس كوماندىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا ياردەم بەرگەن يېڭشەر يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە تېرنىرلارغا، خوشنا كۇلۇبلارغا، ۋە پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئاتا-ئانىلارغا، ۋەتەنپەرۋەر تىجارەتچىلەرگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پائالىيەتكە كورلا شەھەرلىك باھادىر چېنىقىش كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى ھېبىبۇللا ئىبرايىم، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇرېيىملار ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى، ھەمدە بۇ كۇلۇپتا تەربىيلىنىۋاتقان كىچىك بوكىس ماھىرلىرى يېڭشەر يېزا مەركىزى مەكتەپتە تەربىيلىنىۋاتقان بوكىس ھەۋەركارلىرى، ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى يېزا، بازارلاردىن كەلگەن بوكىس ھەۋەسكارلىرى نەق مەيدانىدا ئۆز ماھارىتىنى كۆرسەتتى، يېڭشەر يېزا مەركىزى مەكتەپتىكى بوكىس ھەۋاسكارلىرى بىلەن باھادىرلار چېنىقىش كۇلۇبىدىكى بوكىس ھەۋەسكارلىرى بىر قانچە مەيدان بوكىس ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ، كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئاخىرىدا تېرنىرلارنىڭ ئادىل باھالاپ چىقىش نەتىجىسىدە، 40نەپەر بوكىس ماھىرىنى ماددىي بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلىدى. ھەمدە كورلا شەھىرى يېڭشەر يېزا يېڭشەر كەنت 1-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق يەككە تىجارەتچى مۇھەممەد تۇرسۇن، يېڭشەر كەنت 2-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات مەخسۇم روزىلار بوكىس ھەۋەسكارلىرنىڭ بۇندىن كېيىنكى بوكىسچىلىق ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى 10مىڭ يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىدى. يېڭشەر يېزا مەركىزى مەكتەپ مۇدىرى ئەنۋەرجان ياسىن مۇنداق دېدى: بۇندىن كېيىن دەرسخانا ئوقۇتۇشنى چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسى، ۋە ئەقلىي ساپاسىنى ياخشىلاپ مەكتىپىمىزنىڭ بوكىس كاماندىسىدىكى ئوقۇغۇچىلار سانىنى كۆپەيتىپ، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن مەكتەپنىڭ بوكىس ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىردىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قېتىمقى نورۇز پائالىيتىگە 3000دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

  سۆرەتلەردە: يېڭشەر يېزا مەركىزى مەكتەپنىڭ 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «نورۇز بايرىمى» نى تەبرىكلەش 4-نۆۋەتلىك بوكىس تەكلىپلىك مۇسابىقە پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كوجىما ياسۇيو ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەش يىل ئۇزارتىلىدۇ
      ·قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان
      ·غەربكە سەپەر پويىزى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا توختىماي قاتنىماقتا 
      ·قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان
      ·ئۆزبىكىستان زوڭتوڭ سايلىمىغا يېقىندىن نەزەر
      ·قازاقىستان زوڭلىسى مەسىموف بۈگۈندىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ
      ·شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن ئېلان قىلىنىدۇ
      ·بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىنتىرنېت تورىغا ئۇلىنىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن …
      ·شىنجاڭ مەدەنىيەت سەنئەت قابىللىرىنى نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەقسىز تەربىيىلەش بويىچە ئوقۇغۇچى…
      ·ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە تىزىملاش خىزمىتى باشلاندى