باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

22-مارت 23-نۆۋەتلىك دۇنيا سۇ كۈنى

2015.03.26 16:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 22-مارت 23-نۆۋەتلىك دۇنيا سۇ كۈنى شۇنداقلا 28-نۆۋەتلىك جۇڭگو سۇ ھەپتىلىكىنىڭ 1-كۈنى. بۇ يىلقى «جۇڭگو سۇ ھەپتىلىكى»نىڭ تەشۋىقات تېمىسى- سۇ بايلىقىنى تېجەپ، سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. سۇچىلىق مىنىستىرلىقى 22-مارت مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىغان سۇغا كاپالەتلىك قىلىپ، سۇ تېجەشكە تۈرتكە بولۇش- ئېلىمىزنىڭ زامانىۋى ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، 2020-يىلغا بارغاندا مەملىكەت بويىچە ئېتىز-ئېرىقنى ئۈنۈملۈك سۇغىرىش كۆلىمىنى بىر مىليارد موغا يەتكۈزۈش، تېجەشلىك سۇغۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك سۇغۇرۇش كۆلىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %60تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈش.

  شىزاڭدىكى مىڭدىن ئارتۇق سىتۇدېنت شۇ كۈنى شىزاڭ ئونىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «سۇ تۇپراقنىڭ ئېقىتىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، گۈزەل شىزاڭ بەرپا قىلىش»مىڭ كىشىلىك سىتۇدېنت ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ سۇ بايلىقىنى قەدىرلەپ، چىڭخەي شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغدىشى مۇراجىئەت قىلىندى. ھازىر ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلوڭجياڭدىن ئىبارەت تۆت ئۆلكە، ئاپتونوم رايون سۇ تېجەپ، ئاشلىقنى كۆپەيتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويماقتا، ئومۇمىي كۆلىمى 38 مىليون موغا يېتىدۇ، مو بېشى سېلىنمىسى مىڭ يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە، سۇ تېجەپ ئاشلىقنى كۆپەيتىش ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمىي سېلىنمىسى 38مىليارد يۈەن بولىدۇ. مۆلچەرى ھېسابلىغاندا، سۇ تېجەپ، ئاشلىقنى كۆپەيتىش ھەرىكىتىدە شەرقىي شىمال رايونىدا 20مىليارد جىڭ ئاشلىق كۆپەيتكىلى بولىدىكەن.

  شەنشى ئۆلكىسى پاكىز سۇ بىلەن شىمالنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش ئوتتۇرا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ يادرولۇق سۇ مەنىيى بولغان شەنشىنىڭ جەنۇبىدىكى خەنجۇڭ، ئەنكاڭ، شىياڭلودىن ئىبارەت ئۈچ شەھەرنىڭ 28 ناھىيەسى يېڭىدىن سېلىنىدىغان ۋە كېڭەيتىلىپ سېلىنىدىغان يۇقىرى سەرپىياتلىق، بۇلغىنىشى ئېغىر تۈرلەرنى قاتتىق چەكلەپ، خەنجياڭ، دەنجياڭ دەرياسى ۋادىلىرىدا سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سۇ تۇپراقنى ساقلاش قاتارلىق يەتتە چوڭ تۈرنىڭ 168نى يولغا قويدى، بۇنىڭغا بەش مىليارد 109مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر