- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە يېزا بازارلاردا 1233 بانكا قۇرۇلدى
2015.03.26 16:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ جۇڭگو بانكا كەسپى جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە يېزا بازارلاردا 1233 بانكا قۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە تىجارەت باشلاش تەستىقلانغىنى 1152 ئىكەن. تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 486 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 123 مىليارد 400 مىليون يۈەن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە دېھقان ئالىلىرىنىڭ قەرز پۇلى 211 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە ، كىچىك مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلى 240 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتكەن ، بۇ ئىككى تۈرلۈك قەرز پۇل نىسبىتى %92.9 گە يەتكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر