- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكا ئىككى دۆلەت لايىھەسى ئارقىلىق ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن توقۇنۇشنى ھەل قىلىشقا داۋاملىق تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2015.03.26 09:45 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئاق ساراي ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مەكىدونو 23- مارت، ئامېرىكىنىڭ ئىككى دۆلەت لايىھەسى ۋە 1967- يىلدىكى ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى چېگرا لىنىيەنى ئاساس قىلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسىگە داۋاملىق تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: گەرچە قىيىنچىلىققا يولۇققان بولساقمۇ، بىراق ئامېرىكا ئىككى دۆلەت لايىھەسى بىلەن ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنى توختاتمايدۇ. ئىككى دۆلەت لايىھەسىگە ئەمەل قىلىش ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ بىر ئاساسى پىرىنسىپى. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلىۋېلىنغان پەلەستىن زېمىنىدا يەھۇدىيلار مەھەللىسىنى داۋاملىق قۇرۇشىغا قارشى تۇرىدۇ، بۇنىڭدىن سەۋەب بۇ تىنچلىق ئىستىقبالىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر