- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مۇھىت قانۇنىغا خىلاپ تىپىك دېلولىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ
2015.03.26 16:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىدىن ئوقۇشىچە، يېقىندا ئېلان قىلىنغان «2015-يىللىق مەملىكەت بويىچە مۇھىتنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى» دا، مۇھىت قانۇنىغا خىلاپ تىپىك دېلولارنىڭ مەسئۇلىيىتى زەنجىرسىمان تەكشۈرۈلىدۇ ۋە سۈرۈشتۈرىلىدۇ، مۇھىت قانۇنىغا خىلاپ بايقاشقا تېگىشلىك زور مەسىلىلەرنى بايقىيالماسلىق، بايقالغان مەسىلىلەرنى مەلۇم قىلماسلىق ياكى بىر تەرەپ قىلماسلىق قىلمىشلىرى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماسلىق، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش سۈپىتىدە سۈرۈشتۈرۈلۈپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«2015-يىللىق مەملىكەت بويىچە مۇھىتنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى» غا ئاساسەن، مۇھىت ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش قانۇنىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش بۇ يىل ھەتتا بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر