باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى «يېزا كەنتلەردىكى دوختۇرلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى» بېسىپ تارقاتتى

2015.03.26 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى «يېزا كەنتلەردىكى دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكىرىنى» بېسىپ تارقىتىپ، يېزا كەنت دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى داۋالاش سەھىيە مۇلازىمىتىنى ھەقىقىي پۇختىلاشنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ تىبابەتچىلىك، دورىگەرلىك سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ قولاي، ئەرزان، بىخەتەر ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتىگە ئىگە قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «پىكىردە» ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئاساسىي داۋالاش سەھىيە تۈزۈمىنىڭ ئۇزاق مۈددەتلىك قۇرۇلۇشىنى چىقىش قىلىپ، يېزا كەنت دوختۇرلار قوشۇنى دۇچ كېلىۋاتقان رېئال مەسىلىلەرگە قارىتا، يېزا كەنت دوختۇرلىرى مۇلازىمەت قېلىپى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزىمىنى ئىسلاھ قىلىش، داۋالاش مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، يېزا كەنت دوختۇرلىرى تولۇقلىمىسى، ياشانغاندا كۈتىنىش ۋە يېتىشتۈرۈپ تەربىيەلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېزا كەنت دوختۇرلىرى ئۈچۈن «ئۇزۇن مۈددەت تۇرۇپ قالىدىغان، تەرەققىي قىلالايدىغان، كاپالەتكە ئىگە بولىدىغان» سەھنە ھازىرلاش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «پىكىردە» مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەخمىنەن 10 يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، يېزا كەنت دوختۇرلىرىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەلۈماتقا ئىگە قىلىپ، تەدرىجىي كەسپىي ياردەمچى ۋراچ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى سالاھىيەتكە ئىگە قىلىش، يېزا كەنت دوختۇرلىرىنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى مۇۋاپىق تەمىناتىنى بىر قەدەر ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ساپاسى بىر قەدەر يۇقىرى، ئېھتىياجغا ماس كېلىدىغان يېزا كەنت دوختۇرلار قوشۇنىنى ئاساسەن بەرپا قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر