- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنىڭ پايدا نىسبىتى %11تىن ئاشتى
مەبلەغ سېلىش پايدا نىسبىتى پۇل پاخاللىق نىسبىتىدىن يۇقىرى بولدى
2015.03.26 15:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-مارت مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى كېڭىشى قۇرۇلتىيى ئىككىنچى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىلق ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى مەبلەغ سېلىش پايدا ئومۇمىي سوممىسى 139مىليارد 209مىليون يۈەن بولۇپ، پايدا نىسبىتى %11.43بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىشقا ئاشۇرۇلغان پايدا 87مىليارد 466مىليون بولۇپ، پايدا نىسبىتى %7.38بولغان. ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى قۇرۇلغاندىن 2014-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، فوندنىڭ مەبلەغ سېلىنغان جەمئىي سوممىسى 558مىليون يۈەن بولغان، يىللىق ئوتتۇرىچە پايدا نىسبىتى %8.36بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە پۇل پاخاللىقىدىن %5.94يۇقىرى بولغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2015-يىلى ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى فوندقا مەبلەغ سېلىشنى ئىلمىي، ئېنىق باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەبلەغ سېلىش پايدا سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، فوند باشقۇرۇش قانۇن تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە مەبلەغ سېلىپ، قائىدە بويىچە يۈرۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر