باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەرمىللەت خەلقى ھەمكارلىشىپ، ئىچكى موڭغۇلنى باي، گۈزەل ۋە مۇقىم قىلىپ قۇرۇپ چىقتى

2014.10.13 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىچكى موڭغۇلنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىيات ئەھۋالىنى باي، گۈزەل، مۇقىم دېگەن ئۈچ سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

  باي دېگەندە، ئىچكى موڭغۇل ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى تېز بولدى، كىشى بېشى كىرىمى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى؛ گۈزەل دېگەندە، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى، ساياھەىتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلدى؛ مۇقىم دېگەندە، ئىجتىمائىي ئەمىنلىك كۆرسەتكۈچى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلدى.

  2014-يىلى چاغان ھارپىسىدا، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ خىزمەت تەكشۈرگەندە، ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالى چېگراسى بويىدىكى بۇ مەنزىرىلىك دىيارنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلغانىدى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ بىڭجۈن مۇنداق دېدى: ئىچكى موڭغۇل ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا ئون يىلدىن بۇيان مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلدى، ئىچكى موڭغۇل ئىقتىسادىنىڭ قانداق قىلىپ سىجىللىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاپ كەلگەنلىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى. ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى نۆۋەتلىك پارتكومى ۋە ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، «بەش بازا» تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسى، يەنى ئىچكى موڭغۇلنى پايتەختكە كاپالەتلىك قىلىدىغان، شىمالىي جۇڭگوغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى، مەملىكەت بويىچە مۇھىم زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئۈلگە بازىسى، رەڭلىك مېتال ئىشلەپچىقىرىش-پىششىقلاش ۋە زامانىۋى جابدۇقچىلىق قاتارلىق يېڭى كەسىپلەر بازىسى، يېشىل دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش-پىششىقلاش-چىقىرىش بازىرىسى، يايلاق مەدەنىيىتى گەۋدىلەنگەن، شىمالىي چېگرا رايون ئۆزگىچىلىكىگە ئىگە ساياھەت، ئېكسكۇرسىيە، ئارام بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىستىراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ «بەش بازا» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن ئىچكى موڭغۇل ئىقتىسادى «كۆمۈرنىلا ئاساس قىلىش» ئاسارىتىدىن قۇتۇلدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر