باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى: ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىشتا نېمە ئىسلاھ قىلىنىدۇ؟ 

2014.10.13 12:57         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ‹‹جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ <ئاۋۋال ھەرىكەتلىنىش> پىلانى ۋە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېزىسى›› (تۆۋەندە ‹‹ئاۋۋال ھەرىكەتلىنىش›› پىلانى، دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى) نى يولغا قويۇپ، ئۆزىگە قاراشلىق 100 دىن ئارتۇق تەتقىقات ئاپپاراتىنى دادىل ھالدا ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلدى، 2030 – يىلىغا بارغاندا، ‹‹تۆت ئاۋۋال›› نى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى، يەنى: پەن – تېخنىكا ھالقىما تەرەققىياتىنى ئاۋۋال ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئىجادچان ئىختىساسلىقلار بازىسىنى ئاۋۋال قۇرۇپ چىقىش، دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى پەن – تېخنىكا ئەقلىي كۈچ ئامبىرىنى ئاۋۋال قۇرۇپ چىقىش، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن تەتقىقات ئاپپاراتىنى ئاۋۋال قۇرۇشتىن ئىبارەت.

  بۇ، 1998 – يىلى بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى ‹‹دۆلەت پەن – تېخنىكا ئەترىتى›› نىڭ پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى جەھەتتە يەنە بىر قېتىم ‹‹ئاۋۋال ھەرىكەتلىنىشى›› بولۇپ، چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، تەڭشەش سالمىقىنىڭ زورلۇقى، تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ھەرقايسى تەرەپنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى.

  پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنى تۈرلەرگە ئايرىپ ئىسلاھ قىلىش

  ھازىرقى تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ئوخشاشمىغان فۇنكسىيە ۋە تەبىر بويىچە تۆت خىلغا ئايرىلىدۇ.

  پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى پەن تەتقىقات پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي بىرلىكى، بۇ ئىسلاھات پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئاچقۇچى، دەپ قارالماقتا. تەتقىقات ئورۇنلىرىنى تۈرلەرگە ئايرىپ ئىسلاھ قىلىش ‹‹ئاۋۋال ھەرىكەتلىنىش›› پىلانىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا. پىلان بويىچە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھازىر بار بولغان پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنى زور دەرىجىدە سىستېمىلىق تەڭشەپ ۋە قىسقارتىپ ئەلالاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتىنىڭ ‹‹سىياسەت ئالاھىدە رايونى›› ۋە ‹‹تەجرىبە ئېتىزى›› نى ئېچىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى پەن تەتقىقات ئاپپاراتى قۇرىدۇ.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى بەي چۈنلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقات ئورنى يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى تەتقىقات يۇرتى، ئالاھىدە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، چوڭ پەن تەتقىقات مەركىزى، خاس تەتقىقات ئورنىدىن ئىبارەت تۆت تۈر بويىچە تەتقىقات ئورنىنى تۈرلەرگە ئايرىپ ئىسلاھ قىلىشنى يولغا قويىدۇ.

  يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى تەتقىقات يۇرتى يېقىندا مىكرو، كىچىك سۈنئىي ھەمراھ، ئۇچۇر قۇرۇلۇشى، بوشلۇق ئىلمى، دېڭىز – ئوكيان ئۇچۇر تېخنىكىسى، دورىدىن ئىبارەت بەش ۋەكىل خاراكتېرلىك ساھە يۆنىلىشىنى تاللاپ ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىدۇ؛ ئالاھىدە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى يولغا قويۇلغان كىۋانت ئۇچۇرى ۋە كىۋانت پەن – تېخنىكا ئالدىنقى بازىسى، چىڭخەي – شىزاڭ ئېگىزلىكى يەر شارى سىستېمىسى ئىلمى، تورىي ئاساسلىق ئېرىتىلگەن تۇز دۆۋىسى يادرو ئېنېرگىيە سىستېمىسى قاتارلىق تۇنجى تۈركۈمدىكى مەركەزنى تەڭشەيدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ؛ چوڭ پەن تەتقىقات مەركىزى ئۇنىۋېرسال ۋە كەسپىي بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى تىپ بويىچە ئايرىم – ئايرىم قۇرۇلىدۇ ھەم خېفېي، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق ئۈچ ئۇنىۋېرسال تەتقىقات مەركىزىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ خاس تەتقىقات ئورنى ئۆزىنىڭ جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتەك ئورنىنى ئاساس قىلىپ، قۇرۇش پىلان تەسەۋۋۇرى ۋە يېقىنقى مەزگىللىك نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  بەي چۈنلى مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە بۇ تۆت تەتقىقات ئاپپاراتى تۈرلەر بويىچە ئورنىنى بېكىتىدۇ، باھالايدۇ ۋە باشقۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا جىپسىلىشىپ، ھەرىكەتچان ئالمىشىدۇ.

  پەن تەتقىقاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تەڭشىلىپ ئەلالاشتۇرۇلىدۇ

  نۇقتىلىق پەن تەتقىقات كۈچى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى ۋە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن تەتقىقاتىغا مەركەزلەشتۈرۈلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتنىڭ يەنە بىر مۇھىم نۇقتىسى پەن تەتقىقاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق پەن تەتقىقات كۈچىنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى ۋە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن تەتقىقاتغا مەركەزلەشتۈرۈشتۇر.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى دېڭ مەيسۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ‹‹قىلىدىغاننى قىلىش، قىلمايدىغاننى قىلماسلىق›› پىرىنسىپىغا ئاساسەن نۇقتىنى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم، زۆرۈر ئېھتىياجى ۋە زامانىۋى پەن – تېخنىكىنىڭ ئىلغار، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ساھەلىرىگە يىغىپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ساھە، ئاساسىي پەنلەر ۋە گىرەلەشمە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەنلەر، دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر، خەلق تۇرمۇشى پەن – تېخنىكىسى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتىن ئىبارەت بەش بۆلەكنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، ئەۋزەل پەن – تېخنىكا بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، پەن – تېخنىكا ئۆتكىلىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ۋە ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پەن – تېخنىكىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  تۆۋەندىكى تەدبىرلەر بويىچە كونكرېت يولغا قويۇلىدۇ: بىرىنچى، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەرنى نىشانلاپ، خەلقئارادا پەن – تېخنىكا ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەش؛ ئىككىنچى، مەۋقەنى مۇھىم ئاساسىي پەن ۋە گىرەلەشمە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ساھەلەرگە قويۇپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈش؛ ئۈچىنچى، دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئېلىمىزنىڭ قورال – ياراغ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويغان تېخنىكىلىق توسالغۇلارنى كۈچەپ ھەل قىلىش؛ تۆتىنچى، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، تېخنىكىدا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ۋە ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ خەلقئارادىكى رىقابەتلىشىش كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش؛ بەشىنچى، نوپۇسنىڭ ساغلام ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدىكى زۆرۈر ئېھتىياجلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنىڭ ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئالتىنچى، بەش چوڭ بۆلەك ۋە ھۇجۇم قىلىش ئاساسىي يۆنىلىشىنى چۆرىدەپ، ‹‹تەتقىقاتتىن بىرنى بېكىتىش، مۇھىم بۆسۈشتىن ئۈچنى ھاسىل قىلىش ۋە مۇھىم تەربىيەلەش يۆنىلىشىدىن بەشنى بەلگىلەش›› پىلانى ۋە ئىستراتېگىيەلىك باشلامچى پەن – تېخنىكا مەخسۇس تۈرى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا تەشكىللەش؛ يەتتىنچى، بايلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ تەقسىملەش يېڭى ئەندىزىسى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پەن – تېخنىكا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش.

  ئادەم ئىشلىتىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

  ‹‹يېڭى 100 كىشى پىلان›› ى يولغا قويۇلۇپ، ‹‹تەكلىپلىك تەتقىقاتچى›› تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ.

  ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە ئادەم ئىشلىتىش مېخانىزمى جەھەتتە ‹‹ئاۋۋال ھەرىكەتلىنىش›› پىلانىدا نۇرغۇن يېڭى تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە ‹‹ئېچىۋېتىلگەن، ھەرىكەتلىك، رىقابەتلىك ھەمكارلىشىدىغان ئادەم ئىشلىتىش مېخانىزمى›› ئورنىتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ‹‹100 كىشى پىلان››نى قايتىدىن بەلگىلەپ ۋە تەڭشەپ ‹‹يېڭى 100 كىشى پىلان››نى يولغا قويىدىكەن، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى خەلقئارادا ئاشكارا تەكلىپ قىلىش، جەلپ قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى ئىختىساسلىقلارنى خەلقئارالىق باھالاش مېخانىزمىنى كىرگۈزۈپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ‹‹تەكلىپلىك تەتقىقاتچى›› تۈزۈمى ئورنىتىپ، پەن – تېخنىكىدا باشلامچى ئىختىساسلىقلار ۋە ياشلار ئارىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ تۇراقلىق ياردەم ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تۆت تۈرلۈك تەتقىقات ئاپپاراتىدا باسقۇچقا بۆلۈپ ئومۇملاشتۇرىدىكەن ۋە پۈتۈن ئاكادېمىيە بويىچە تەدرىجىي يولغا قويىدىكەن.

  ‹‹ئاۋۋال ھەرىكەتلىنىش›› پىلانىدا يەنە ئاكادېمىك تاللاش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ ئاكادېمىكلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلىدۇ، ئاكادېمىك كۆپەيتىپ سايلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامزاتلىققا كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئىلىم – پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىچكى قىسىمدا باھالاشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى يەنە ‹‹جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ خەلقئارا ئىختىساسلىقلار پىلانى››نى يولغا قويۇپ، چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەللىكلەرنىڭ ئاكادېمىكلار ئارىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى 2020 – يىلىغىچە ھازىرقى%1تىن % 3كە ئۆستۈرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسىي ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەردە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى%6 كە يەتكۈزىدۇ.

  دۆلەت پەن – تېخنىكا ئەقلىي كۈچ ئامبىرى قۇرۇلىدۇ

  ئالاقىدار تەتقىقات كۈچلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم تەسىرگە ئىگە مەسلىھەت بېرىش دوكلاتى ھاسىل قىلىنىدۇ.

  ئەقلىي كۈچ ئامبىرى ئىزچىل جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەلىرىدىن بىرى. ‹‹ئاۋۋال ھەرىكەتلىنىش›› پىلانىدا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەقلىي كۈچ ئامبىرى قۇرۇشتىكى يېڭى تۈزۈلمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن – تېخنىكا ئەقلىي كۈچ ئامبىرى قۇرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئالاقىدار تەتقىقات كۈچلىرى ۋە بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، پەن – تېخنىكىدا ئىستراتېگىيەلىك مەسلىھەت بېرىش تەتقىقات يۇرتى قۇرۇش بۇنىڭ كونكرېت تەدبىرى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇھىم تېمىلارنى تاللاش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ۋە مەسلىھەت بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى، سىستېمىلىقى ۋە قاراتمىلىقى ئۆستۈرۈلىدۇ.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى پەن – تېخنىكا سىياسىتى ۋە باشقۇرۇش ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇ رۇڭپىڭ مۇنداق قارىدى: مۇنەۋۋەر ئەقلىي كۈچ ئامبىرىدا ئالدى بىلەن كەسپىلەشكەن قوشۇن بولۇشى كېرەك، ئۇنىڭدىن كېيىن تەتقىقات تورى شەكىللىنىشى ۋە ماترىسسالاشقان، تورلاشقان باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات كۈچلىرىنىڭ قاتنىشىشىنى ئۈنۈملۈك قوزغىيالىشى كېرەك. ئاخىرىدا ماركا يارىتىشقا، بولۇپمۇ مۇھىم تەسىر كۈچى بار مەسلىھەت بېرىش دوكلاتى چىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى دېڭ مەيسۈن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئىسلاھات تۈرلۈك بايلىقتىن ئېچىۋېتىلگەن شەكىلدە ئورتاق بەھرىلىنىشنى يەنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان بايلىقلارنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساقلىنىۋاتقان بايلىقلاردىن جانلىق پايدىلىنىپ، تۈرلۈك بايلىقلاردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە پايدىسىنى كۈچەپ ئۆستۈرىدۇ.

  بەي چۈنلى مۇنداق دېدى: ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات يۇرتى بىلىم يۇرتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەپەككۇر ئامبىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات كۈچلىرىنى توپلاپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەقلىي كۈچ بايلىقلىرىنى ئۈنۈملۈك جەلپ قىلىدۇ؛ تەتقىقات سىستېمىسى ۋە باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات قوشۇنى، تۈر، سانلىق ماتېرىيال قاتارلىق بايلىقلارنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ. مېخانىزم جەھەتتە، مۇھىم تەتقىقات تېمىلىرىنى تاللاش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. باھالاش جەھەتتە، مۇھىم ھاسىلاتنى يېتەكچى قىلىپ، تەسىرى چوڭ دوكلات، ژۇرنال، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قاتارلىقلارنى داۋاملىق چىقىرىدۇ.

  پەن – تېخنىكا مۇلازىمەت تورى قۇرىدۇ

  پەن – تېخنىكىلىق مۇلازىمەت ۋە تايانچلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا جەمئىيەت ئۈچۈن ياراتقان يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشۇرىدۇ.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلىتىمىزنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىدىكى پاراۋۇز بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىشتا تايانچلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىمۇ باشلامچى بولۇشى كېرەك.

  بۇ قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات قىلىنىدىغان 5 – تەرەپ يۇقىرىدىكى نىشانلارغا يېتىش ئۈچۈن ‹‹يول ئاچىدۇ››. شۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى پەن – تېخنىكا مۇلازىمەت تورى (Network STS) قۇرۇپ، بىلىم ۋە تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ يۆتكىلىشى ۋە ئايلىنىشى، تەسىر قىلىشى ۋە كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش، تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تەبىئىي بايلىق ۋە ئېكولوگىيەنى ئاسراش، شەھەرلەشتۈرۈش ۋە شەھەر مۇھىتىنى تۈزەش قاتارلىق بەش ساھەدىكى بازار ئېھتىياجىنى يىغىپ، ھازىرقى پەن – تېخنىكا بايلىقى ۋە يۆتكىلىش، ئايلاندۇرۇش سۇپىسىنى ماسلاشتۇرۇپ، يۈرۈشلەشكەن تېخنىكا ئۈلگىسى ۋە يۆتكىلىش، مەخسۇس تەتقىق قىلىش ۋە ئۆتكەلگە بىرلەشمە ھۇجۇم قىلىش، ھاۋالىلىك تەتقىقات ۋە كەسپىي مەسلىھەت بېرىش، ئاممىۋى تەكشۈرۈش ۋە سۇپىدا سىناق قىلىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تىجارىتى ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق بەش پەن – تېخنىكا مۇلازىمەت سىستېمىسى، شۇنداقلا ئوخشىمايدىغان تىپتىكى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرىدۇ؛ پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئىشلىتىش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە تاپاۋەتنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تەشكىللەيدۇ؛ رىغبەتلەندۈرۈش، مەدەت بېرىش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەتقىقاتچىلارنى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئىجتىمائىي بايلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بازار رىقابىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەيدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىپ قوللىنىش ئارقىلىق، ھازىرقى كەسىپلەرنى كۈچلەندۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىپ، گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ ۋە بەرپا قىلىپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا جەمئىيەت ئۈچۈن ياراتقان يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشۇرىدىكەن.

  ‹‹خەلق گېزىتى››دىن

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر