باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2014.10.13 12:58         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى ئەھۋالغا ماسلىشىش، ئاجىز نۇقتىنى توغرا تېپىش، مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش پىلانلاش، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 9 – ئۆكتەبىردىن 11 – ئۆكتەبىرگىچە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا مەركەزنىڭ قارارلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 20 – ئاۋغۇست ئاچقان يىغىنى، 8 – سېنتەبىر يەكەن ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان چاغدىكى تەلەپنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹باش نىشاننى چۆرىدەش، ئاجىز نۇقتىنى توغرا تېپىش، دېلولاردىن ساۋاق ئېلىش، خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش›› تەلىپىگە ئاساسەن، يېڭى ئەھۋالغا ماسلىشىپ، ئاجىز نۇقتىنى توغرا تېپىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دائىملىق باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلىرىگە ئاساسەن، ‹‹ئۈچتە قەتئىي بولۇش››نى نىشان، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى توسۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، ھەر ۋاقىت قاتتىق زەربە بېرىش، قاتتىق مۇداپىئەلىنىش، كۆپ تەرەپلىمە تەربىيەلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش – تۈزەش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈپ، ھادىسىدىن تۇتۇپ، ماھىيەتتىن تۈزەپ، ئاساسنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى زور كۈچ بىلەن قوغدىدى.

  ھاۋا ئۆزگىرىپ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا تۇنجى قار ياغدى. جاڭ چۈنشيەن قار – شىۋىرغانغا قارىماي، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدىكى چېگرا ئونىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتىغا كېلىپ، مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، تەۋەلىك رايونى خەرىتىسىنى ئەستايىدىل كۆردى، 1 – سەپتىكى قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفېتسىر – ئەسكەرلىرى، خەلق ساقچىلىرى ۋە چېگرا قوغدىغۇچىلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئارقىدىن جاغىستاي كەنتى ۋە ئاقيار كەنتىدىكى بىرلەشمە ئىش بېجىرىش بازىسىغا كەلدى. جاڭ چۈنشيەن دوكلات ئاڭلىغاچ، ئىش بېجىرىش بازىسىدىكى ساقچى قاراۋۇلخانىسى، ئېلېكتىرونلۇق قىرائەتخانا، كۇتۇپخانا، كۆپ ئىقتىدارلىق پائالىيەت ئۆيى، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت زالى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئائىلىسى ۋە ‹‹تۆت پېشقەدەملەر›› ئائىلىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، جاڭ چۈنشيەن دىنىي زاتلارنىڭ ئۆز رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىنى توغرا ئېتىقاد يولىدا چىڭ تۇرۇپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىدىن يىراق تۇرۇشقا يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  غۇلجا شەھىرىنىڭ تاشكۆۋرۈك يېزىسى يېڭىمەھەللە كەنتىدىكى ئاھالىلەر ئويۇن قويۇش ئەترىتى كەنتنىڭ پائالىيەت ئۆيىدە ئويۇن تەييارلاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار شوخ مۇزىكا ۋە لەرزان ئۇسسۇللىرى بىلەن پائالىيەت ئۆيىنى جانلاندۇرۇۋەتكەن ئىدى. ئويۇن قويۇش ئەترىدىكىلەر جاڭ شۇجىنى ئورىۋېلىشقىنىچە كەنتتىكى يېڭىلىقلارنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىدى.

  جاڭ چۈنشيەن يەنە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىدە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىنى يوقلىدى، كەنت ساقچى قاراۋۇلخانىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن›› خىزمەت مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام بازىسىنى ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەملەش كېرەك.

  10 – ئۆكتەبىر كەچتە، جاڭ چۈنشيەن غۇلجا ناھىيەسىنىڭ خۇدىياريۈزى يېزىسى گەمە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى يۈەنمىننىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى يوقلىدى، ئۇنىڭ بىلەن ئاساسىي قاتلام خىزمىتى ئۈستىدە قىزغىن پاراڭلاشتى. لى يۈەنمىن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان تۆت يىلدىن بۇيان، ھەر مىللەت كەنت ئاممىسىنى ئۆز تۇغقىنىدەك كۆرۈپ، ئائىلىمۇ ئائىلە كىرىپ مۇلازىمەت قىلدى، يۇرتداشلار ئۇنىڭغا ‹‹جەمىلە›› دەپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويدى. ئۇ كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئالاھىدە كەسىپلەرنى تەرەقىقي قىلدۇرۇپ، تۆت يىل جەريانىدا كەنتنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمىنى 11 مىڭ 350 يۈەنگە يەتكۈزدى، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى، ئىدىيەسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. ئۇ يېقىندا تېخى ‹‹مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش نەمۇنىسى›› دېگەن نامغا ئېرىشتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: سىزنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىڭىز چىن مۇئامىلە قىلىپ، ئادىل باراۋەر بولۇپ، ئىستىلدا دۇرۇس بولۇپ، ھەقىقىي مۇلازىمەت قىلىپ، ناتوغرا ئىستىل ۋە ناچار كەيپىياتلارنى يۈرەكلىك تەنقىد قىلغان ۋە چەكلىگەندىلا، ئاممىنىڭ ھېمايىسىگە ئېرىشكىلى، كەنتنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭمۇ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى، جەمىلە، سىز يارايسىز!

  جاڭ چۈنشيەن يەنە ‹‹تۆت پېشقەدەم››لەر ۋە قىيىنچىلىقى بارلارنى يوقلىدى، غۇلجا شەھىرىنىڭ مۇھىت تۈزەش ئەھۋالى، خەلقنى بېيىتىش ساقچى قاراۋۇلخانىسى مۇلازىمەت پونكىتىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  10 – ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ناھىيە(شەھەر)لەر يىغىنى ئېچىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىقتىسادنى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدۇردى، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم، ئاممىنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبەرلىك باشلامچى بولۇپ، خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ھەقىقىي، ئىنچىكە ئىشلىدى؛ قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، تەھلىكە كۆرسەتتى. دۈشمەنگە بىخ ھالىتىدىكى ۋاقىتتا زەربە بەردى، ئادەم، دېلو ۋە يىپ ئۇچىنى چىڭ تۇتتى. يېتەكلەش بىلەن توسۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، زەربە بېرىشتىمۇ، تەربىيەلەش – يېتەكلەشتىمۇ ئوخشاش قاتتىق بولۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن ئاساس سالدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ئەھۋاللارغا ماسلىشىپ، ئاجىز نۇقتىلارنى توغرا تېپىش كېرەك. ‹‹باش نىشاننى چۆرىدەش، ئاجىز نۇقتىلارنى تەكشۈرۈپ تېپىش، دېلولاردىن ساۋاق ئېلىش، خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش›› تەلىپىگە ئاساسەن، مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش پىلانلاپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەۋپ ئېڭى، دادىللىق ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، نىشان ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشقا ھەقىقىي قارىتىش؛ ھەر ۋاقىت بوشاشماي قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، پەردە ئارقىسىدىكى ‹‹چوڭ بېلىق››نى تۇتۇش؛ ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹بەش ئاچقۇچ››تىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت تونۇش››نى كۈچەيتىپ، ‹‹<غازات ئۇرۇشى> قىلىپ جەننەتكە كىرىش›› سەپسەتىسىگە قاتتىق رەددىيە بېرىپ، سەلبىي تىپلار ئارقىلىق ئاممىنى تەربىيەلەپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ تونۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئاكتىپ كۈچلەرنى زورايتىش؛ ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ دائىملىق باشقۇرۇشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇش؛ پارتىيە رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ، كۈچنى زورايتىپ، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش سەۋىيەسى، بۆلگۈنچى كۈچلەرنى چوڭقۇر پاش قىلىش ۋە تەنقىد قىلىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنى بايقاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قولدا قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى زىچ چۆرىدەپ، تەرەققىياتنى پىلانلاپ، تەرەققىيات ئارقىلىق خەلققە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، تەرەققىيات داۋامىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىيات داۋامىدا ئېكولوگىيەنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ كۈچنى توپلاپ، ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى باش قوللانما قىلىپ، خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىلىنى ‹‹چېگرا بوستانلىقى››دا چاقنىغان نۇرلۇق مەرۋايىتقا ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چې جۈن، شيۇڭ شۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر