باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەسىدە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى گەۋدىلىنىپ، ئەل قەلبى مايىل قىلىندى

2014.10.13 14:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى: باي ناھيىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئەمىن ئۆي قۇرلۇشى،كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرلۇشى، يېزا-كەنت تاش يول قۇرلۇشى، سەھىيە قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرلۇشلىرىنى كۇچەپ يولغا قويۇپ، پۇقرالارنىڭ كۆڭلىنى ھەقىقىي مايىل قىلدى.بۇ ناھىيە بۇ يىل پارتىيەنىڭ ئامىۋى لۇشەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى ۋە «ئەل رايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش بىلەن بىللە خەلق تۇرمۇشى قۇرلۇش يىلى پائالىيىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ناھىيە مالىيەسىنىڭ %80 ىنى خەلق تۇرمۇشى قۇرلۇشىغا ئىشلىتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئامما ئەڭ كوڭۇل بولۈدىغان، مەنپەئەتلىنىدىغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، شۇ ئاساستا بۇ يىل يېزىلاردا 4890 ئائىلىلىك ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشى، ناھىيە بازىرىدا 320 يۇرۇش ئەرزان ئىجارىلىك تۇرالغۇ قاتارلىق قۇرلۇشلاردا ئىش باشلاپ، 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە تاماملىنىپ، تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئامما يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى؛ ياقېرىق بازىرى، سايرام بازىرى، قىزىل، توقسۇن، ئونباش. مىچىغ، چوڭكۆۋرۈك قاتارلىق يېزا-بازارلاردا 36.5 كىلومېتىر كەنت يولى ئاسفالىتلاشتۇرۇلۇپ، 1891 ئائىلىنىڭ توك ئىشلىتىش مەسلىسى ھەل قىلىندى. 270 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان قاپسىلاڭ دەرياسى ئېكېئولوگىيەلىك مەنزىرە باغچىسى، 40 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ناھىيەلىك تەنتەربىيە سارىيى پۈتۈپ، شەھەر ئائىلىلىرىگە ئېچىۋېتىلدى. يېشىللاشقان شەھەر قۇرۇش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، شەھەرنىڭ يېشىللاشقان كۆلىمىنى 352 گېكتارغا، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش كۆلىمىنى 16.6 كىۋادىرات مېتىرغا يەتكۈزۈپ، شەھەر مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى. بۇنىڭ بىلەن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەتتىن مىننەتدار بولۇش تۇيغۇسى ئېشىپ، ئەل قەلبى مايىل قىلىندى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر