- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
2015-يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ئەتە باشلىنىدۇ
2014.10.13 13:00 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شىنخۇا تورى 13-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : مۇخبىرنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، 2015-يىللىق مەركەز ئورگانلىرى ۋە بۇ ئورگانلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارغا مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتى پات ئارىدا باشلىنىدىغان بولۇپ ، بۇ يىل 22 مىڭدىن كۆپ مەمۇر قوبۇل قىلىش پىلانلانغان .
ئىگىلىنىشىچە ، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ۋاقتى 15-ئۆكتەبىردىن 24-ئۆكتەبىرگىچە بولۇپ ، ئومۇمىي پەن يازما ئىمتىھانى 2014-يىلى 30-نويابىر ئېلىنىدىكەن . ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 2014-يىلى 14-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تورى (http://www.mohrss.gov.cn) ، دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى تورى(http://www.scs.gov.cn) ياكى ئىمتىھانغا تىزىملىتىش تور بېكىتى (2015/bm.scs.gov.cn//:http) گە كىرىپ توردا تىزىملاتسا بولىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر