باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابىتى جەمئىيىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

‹‹سوتسىيالىزمغا، كومپارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز››

2014.10.13 14:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈ يەنيۈن، خەن چىنيەن خەۋەر قىلىدۇ: 11 – ئۆكتەبىر ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابىتى جەمئىيىتىنىڭ ‹‹سوتسىيالىزمغا، كومپارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، زوراۋانلىق – تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش›› سۆھبەت يىغىنىدا، ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى دوختۇر، سېستىرالار ئۆز كەچۈرمىشلىرى ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەر، ئىشلارنى بەس – بەستە سۆزلەپ، زوراۋان، تېررورچىلارنى قاتتىق ئەيىبلىدى، تەستە قولغا كەلتۈرۈلگەن تەرەققىيات مېۋىسى ۋە ئىتتىپاق، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى قۇرۇلغان 28 يىلدىن بۇيان، دوختۇرخانىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھازىر بۇ دوختۇرخانا داۋالاش، پەن تەتقىقات بىر گەۋدە قىلىنغان زامانىۋى دوختۇرخانىغا ئايلاندى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇتەللىپ: ئاز بىر ئوچۇم زوراۋان – تېررورچىلار <<مىللەت››، ‹‹دىن›› تونىغا ئورۇنۇۋېلىپ، بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى پەيدا قىلىپ، تۇرمۇشىمىزغا زور خەۋپ ئېلىپ كەلدى، ئۇلارنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ، ئۇلارغا قەتئىي زەربە بېرىپ ۋە ئۇلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدايمىز، دېدى.

  ‹‹ سۆھبەت يىغىنىنىڭ باش تېمىسىدىن، ئىختىيارسىز كىچىك چاغلىرىمىزدا ئېيتقان <كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايدۇ>، <سوتسىيالىزم ياخشى> دېگەن ناخشىنى ئەسكە ئالدىم. ئۆزۈمنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىش مۇساپىسىنى ئەسلىسەم، ھازىر تۇرمۇشىمىزدا دائىملاشقان نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ھەممىسى كىچىكلىكتىن چوڭايغان، يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەن، بۇلارغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى سىڭگەن›› دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ سېستراسى گۈلپىيە.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابىتى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئامىر ئەلى: ئۇيغۇر تېبابىتى خىزمەتچىلىرى <<مۇقىملىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھېچقانداق ئورۇن ۋە شەخس يوق>> تەلىپىگە ئاساسەن، باشلامچىلىق بىلەن پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەپ، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ۋىرۇسنى تېپىپ چىقىپ، بۇ ئىدىيە ۋىرۇسلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈشىگە قەتئىي يول قويمايدۇ، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر