باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالاھىدە توپتىكىلەر ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاغرىقلار جەمئىيەتنىڭ غەمخورلۇقىدىن بەھرىمەن بولدى

2014.10.13 14:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياڭ يىڭچۈن خەۋەر قىلىدۇ: كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بالىنىڭ دادىسى مامۇت ئابدۇكېرىم 10 – ئۆكتەبىر تېلېفوندا: ‹‹ئوغلۇم بۇ يىل ئاپرېلدا شىنجاڭ <شانلىق ئەتە> بالىلاردىكى كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىقنى داۋالاش مەركىزىدە 40 كۈن ھەقسىز داۋالاندى، ھازىر كۆرۈش قۇۋۋىتى 0.7 گە چىقتى. ئاپتونوم رايونىمىز يولغا قويغان قىيىنچىلىقى بار ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش ياردىمى قۇرۇلۇشى بولغاچقىلا، ئوغلۇم مەكتەپتە ئوقۇيالىدى›› دېدى ھاياجېنىنى باسالماي.

  مامۇت ئابدۇكېرىم مارالبېشىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ سەككىز ياشلىق ئوغلىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بولغانلىقتىن ئىزچىل مەكتەپتە ئوقۇيالمىغان، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بولغاچقا، بالىسىنى داۋالىتىشقا قۇربى يەتمىگەنىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى تەشكىللىگەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى مارالبېشىغا بېرىپ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بالىلارنى تاللاپ تەكشۈرگەندە، مامۇت ئابدۇكېرىمنىڭ ئوغلىمۇ ھەقسىز داۋالاش ئوبيېكتى قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونىمىز 2011 – يىلى ‹‹شانلىق ئەتە قۇرۇلۇشى››نى يولغا قويغاندىن بۇيان، ھەر يىلى ئىككى داۋالاش ئەترىتى جايلارغا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلىپ، مۇۋاپىق ئوپېراتسىيە ئوبيېكتلىرى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىپ، ئوپېراتسىيە قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىز ھازىرغىچە ‹‹شانلىق ئەتە قۇرۇلۇشى›› بويىچە 27 مىليون 390 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ نامرات ئائىلىلەردىكى تۈرلۈك مېيىپ بالىلاردىن 4892 ئادەم/ قېتىمنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالىدى.

  2011 – يىلى ئاپرېلدا، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹باھار مايسىلىرى قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايوننىڭ بالىلاردىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىنى داۋالاش، قۇتقۇزۇش تۈرىنى يولغا قويۇش لايىھەسى››نى رەسمىي تۈزۈپ تارقاتتى، بۇ تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىققا قايتىشىنى ئازايتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ قالدى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ناھىيە، شەھەرلەردە جەمئىي 400 مىڭ ئادەم /قېتىم تاللاپ تەكشۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 5559 تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالا بار؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالتە نۇقتىلىق دوختۇرخانا تۇغما يۈرەك كېسىلى بار 0 ياشتىن 14 ياشقىچە بالىدىن جەمئىي 5232نى داۋالاپ، 4688نى ئوپېراتسىيە قىلدى.

  2011 – يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاققان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار، كۆزىگە ئاق چۈشكەن قىيىنچىلىقى بار ئاغرىقلار، مېيىپلەر، يېزا ئاياللىرىغا قارىتىلغان ‹‹ئالاھىدە توپقا غەمخورلۇق قىلىش قۇرۇلۇشى››نى يولغا قويدى. ھازىرغىچە، تۇغما يۈرەك كېسىلى بار 757 بالا داۋالىنىپ، يېزىلاردىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ياردەم مەبلىغىدىن 7 مىليون 758 مىڭ يۈەن ئىشلىتىلدى؛ كۆزىگە ئاق چۈشكەن قىيىنچىلىقى بار ئاغرىقلارنى ھەقسىز داۋالاش ئوپېراتسىيە تۈرى پائال يولغا قويۇلۇپ، كۆزىگە ئاق چۈشكەن 8200 كېسەل ئوپېراتسىيە قىلىندى، بۇنىڭغا 6 مىليون 560 مىڭ يۈەن ياردەم مەبلىغى بېرىلدى؛ يېزا ئاياللىرىدىكى ‹‹ئىككى راك›› (سۈت بېزى راكى، بالىياتقۇ بوينى راكى)نى تەكشۈرۈش خىزمىتى ھەر يىلى قانات يايدۇرۇلۇپ، جەمئىي 986 مىڭ ئايال سۈت بېزى راكى، 113 مىڭ ئايال بالىياتقۇ بوينى راكى بويىچە تاللاپ تەكشۈرۈلدى، بۇنىڭغا مەركەز مالىيەسىدىن 43 مىليون 620 مىڭ يۈەن ئاجرىتىلدى، ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن 10 مىليون 877 مىڭ يۈەن سەپلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر