- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىگە خىلاپ 3275 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى
2014.04.21 10:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 18-ئاپرېل 2014-يىلى 3-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئومۇمىي جەدۋىلىنى ئېلان قىلدى، 3-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىگە خىلاپ 3275 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 4599 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، 1134 كىشىگە پارتىيە مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن.
مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 8 بەلگىلىمىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگەللەش ئۈچۈن 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى،60 مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىدا مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئايلىق دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورناتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر