باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەتە شىنجاڭغا يەنە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كىرىدۇ

2014.04.21 16:09         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش 20-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كىرىدىغانلىقىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى . مۆلچەرلىنىشىچە ، 22-ئاپرېل كۈندۈزدىن 24-ئاپرېلغىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى ، قومۇل قاتارلىق جايلاردا بوران چىقىپ ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن .

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى جاڭ جۈنلەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەتە (22-ئاپرېل) كۈندۈزدىن 24-ئاپرېلغىچە ، شىمالىي شىنجاڭ ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىن شەرقىغىچە بولغان رايونلاردا سۇس ياكى ئوتتۇراھال يامغۇر يېغىپ ، ئاخىرىدا قارغا ئۆزگىرىدىكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتاي ۋە سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقى ، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇراھال قار ، قىسمەن جايلاردا قاتتىق قار ياغىدىكەن ؛ شىمالىي شىنجاڭ ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئالتە بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن ، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 10~11 بالغا يېتىدىكەن ، 30 چاقىرىملىق ۋە يۈز چاقىرىملىق بوران رايونلىرىدا ئەڭ زور شامال كۈچى 12 بالدىن ئاشىدىكەن ؛ شىمالىي شىنجاڭ ، شەرقىي شىنجاڭدا تېمپېراۇرا 8 ~ 10 قىچە تۆۋەنلەيدىكەن ، تارباغاتاي ، ئالتاي ، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقى ، قومۇل قاتارلىق جايلاردا تېمپېراتۇرا 10 ~15℃ تۆۋەنلەيدىكەن، تارباغاتاينىڭ شىمالى ، ئالتاي ۋە قومۇلنىڭ شىمالىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 3-~8-℃غا چۈشىدىكەن ، ئۈرۈمچىنىڭ شەرقىدىكى شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپى رايونلىرىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 1- ~ 5-℃قا چۈشىدىكەن ، ئىلى دەريا ۋادىسى ، ئۈرۈمچىنىڭ غەربىدىكى شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپى رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 0 ~ 4 -℃قا چۈشىدىكەن ، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا قىراۋ ئۈششۈكى كۆرۈلىدىكەن .

  سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە ، 23-ئاپرېلدىن 24-ئاپرېلغىچە ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسىم رايونلىرىدا 5~6 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن ، پەيتلىك شامال كۈچى سەككىز بال ئەتراپىدا بولىدىكەن ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا 5 ~ 8 ℃ تۆۋەنلەيدىكەن .

  ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىملىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تېز كىرىپ تېز چىقىدىغان بولۇپ ، 25-ئاپرېلدىن باشلاپ ھاۋا ياخشىلىنىپ ، ھاۋا ئۇدا ئوچۇق بولۇشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن .

  بۇ قېتىملىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كىرىشىگە قارىتا ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ، كېۋەز مايسىلىرىنى ئۈششۈكتىن ساقلاش، يېڭىدىن ئۇرۇق سېلىنغان ئېتىزلارنى سۇلياۋ يوپۇق بىلەن يېپىپ ، شامال-بوراندىن مۇداپىئە كۆرۈشنى ئەسكەرتتى . تارباغاتاي ، ئالتاي ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە تۇرپان-پىچان-توقسۇن ئويمانلىقىدا شامال كۈچى زور ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا بولسا چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ ، تۆمۈريول ، تاشيول تىرانسىپورتلىرىغا پايدىسىز تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان بولغاچقا ، مۇناسىۋەتلىك جايلار بۇ تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك ، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلاردا ئوت كېتىش خەۋپى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ ، يەنە ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش زۆرۈر .

  بۇنىڭدىن باشقا، دېھقانلار تېخى ئاچمىغان ئۈزۈم تاللىرى بولسا ۋاقتىنچە بىر نەچچە كۈن ئاچماي تۇرۇشى ، باغۋەنلەر ئىسلاش ياكى غولىغا توپا ، ئوت-چۆپ يۆلەش ئارقىلىق سوغۇقتىن ساقلاش ئۇسۇللىرى بىلەن مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى ؛ چارۋىچىلىق رايونىدىكىلەر يەم-خەشەك تەمىناتىنى ياخشى تەڭشىشى، شۇنداقلا ئانا-بالا چارۋىلارنى سوغۇقتىن ساقلىشى ؛ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقرىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار پارنىكلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە بوران ، ئۈششۈكتىن ساقلاش خىزمىتىنى بالدۇرراق ئىشلەپ قويۇشى لازىم .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر