باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹بىز <قوشۇمچە رول> نى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن كەلدۇق››

سادىق ئىمىر، جاڭ جيې، دۇڭ لياڭ

2014.04.21 16:11        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹ئۈچ مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلدۇق››

  ‹‹خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەنتتە تۇرغان مەزگىلدە ئاڭلىق يوسۇندا كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىدىكىلەر ئالدىدا <قوشۇمچە رول> ئالغۇچى بولۇشى، خىزمەت تەسەۋۋۇرىنى بېكىتىشتە ياكى تەدبىر بەلگىلەشتە كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىدىكىلەرنى سەھنىنىڭ ئالدىغا چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك››. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پۇل مۇئامىلە خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئازاق يېزىسى بۇيامەت كەنتىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى گاۋ مىڭيۈنىڭ 3 – ئاپرېل خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ‹‹قوشۇمچە رول››نى قانداق ئېلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە قىلغان سۆزى. گاۋ مىڭيۈ يەنە مۇنداق بىر ئىشنى ئېيتىپ بەردى: 2 – ئاپرېل بۇيامەت كەنتىنىڭ بىرنەچچە پېشقەدەم كادىرى يېزا يىغىدىغان قالدۇرۇق پۇل ئىشى توغرىلىق خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى ئىزدەپ كەپتۇ، گاۋ مىڭيۈ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مامۇتجان نۇرمەھەممەتنىڭ نېمىشقا بىللە كەلمىگەنلىكىنى سورىغاندا، كەنتنىڭ بىر كادىرى: يېزىدىن يىغماقچى بولغان قالدۇرۇق پۇل بۇلتۇرقى قالدۇرۇق پۇل، مامۇتجان بۇ يىل كەنت رەھبىرى بولدى، ئەھۋالنى بىلىپ كەتمەيدۇ، دېگەندە، گاۋ مىڭيۈ: بۇنداق قىلساڭلا ياخشى بولمايدۇ، مامۇتجان ياش، يېڭىدىن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولدى، سىلەر پېشقەدەم كادىرلار ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشىڭلار، قالدۇرۇق پۇلنىڭ ئىشىدەك چوڭ ئىشنى چوقۇم مامۇتجان بىلەن مەسلىھەتلىشىشىڭلار كېرەك، دېگەن. كادىرلار مامۇتجاننى چاقىرىپ، ئەستايىدىل مەسلىھەتلىشىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ دەسلەپكى پىلانىنى تۈزگەن.

  گاۋ مىڭيۈ كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ قانداق قىلغاندا ‹‹قوشۇمچە رول››نى ياخشى ئالالايدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دېدى: مېنىڭچە، ئۈچ جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك: بىرى، كەنت خىزمىتىدە كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىك رولى بىلەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، خىزمەت گۇرۇپپىسى ياردەم بېرىش، لېكىن ھۆددە ئېلىۋالماسلىق، ‹‹ياخشى كادىر›› دېگەن نامنى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا ئۆتۈنۈش، ياخشى ئىشنى ئاساسىي قاتلام تەشكىلى نامىدا قىلىشتىن ئېغىشماسلىق؛ ئىككىنچىسى، كەنتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ياش كادىرلار بىلەن پېشقەدەم كادىرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ياش كادىرلارنى سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغۇزۇش، پېشقەدەم كادىرلارنى ياش كادىرلارغا تەجرىبە ئۆگىتىش، ياردەم بېرىشكە تەشكىللەش؛ ئۈچىنچىسى، كەنتنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتا كۆز ئالدىدىكى ئىش بىلەن كەلگۈسىدىكى ئىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىشنىڭ مۇھىم – مۇھىم ئەمەسلىكىگە قاراپ ئىش كۆرۈپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا ماسلىشىپ، ساقلاپ تۇرۇشقا بولمايدىغان ئىشنى تېزدىن قىلىپ، ئالدىراپ كېتىشكە بولمايدىغان ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ياخشى پىلان تۈزۈش كېرەك.

  14 – مارت كەچتە يېزىدىن تارقىتىلىدىغان ھەقسىز خىمىيەۋى ئوغۇت كەنتكە كەلتۈرۈلگەندە، ھەقسىز خىمىيەۋى ئوغۇت تارقىتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ھويلىسىغا 200چە ئادەم يىغىلغان. كەنتتە خىمىيەۋى ئوغۇتنى قانداق تارقىتىش ھەققىدە لايىھە تۇرغۇزۇلمىغاچقا، بەزىلەر نەچچە خالتا ئېلىپ، بەزىلەر بىر خالتىمۇ ئالالماي، ۋاراڭ – چۇرۇڭ كۆتۈرۈلگەن. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، كەنتتىكىلەرگە خىمىيەۋى ئوغۇت تارقىتىشنى دەرھال توختىتىشنى ئېيتقان.

  كەنتتىكى ئائىلە 776 بولۇپ، خىمىيەۋى ئوغۇت ئاران 440 خالتا بولغاچقا، ھەممە ئائىلىگە تەڭ تارقاتسا تازا مۇۋاپىق بولمايتتى. گاۋ مىڭيۈ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فۇ يۇڭچياڭ بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، مامۇتجانغا كەنت كادىرلىرى بىلەن باش قوشۇپ، خىمىيەۋى ئوغۇت تارقىتىش چارىسىنى تۈزۈش تەكلىپى بەردى. بىردەملىك باش قوشۇشتىن كېيىن، كۆپچىلىك كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېرىلغۇ يېرىنىڭ ھەر موسىغا تۆت كىلوگىرامدىن خىمىيەۋى ئوغۇت بېرىشكە كېلىشتى. قارار چىقىرىلغاندىن كېيىن، دېھقانلار كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنى ئادىل ئىش قىلدى، دەپ ماختاشتى.

  گاۋ مىڭيۈ مۇنداق دېدى: كەنت خىزمىتىدە يوچۇق كۆرۈلگەندە، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىر چەتتە قاراپ تۇرسا بولمايدۇ، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدىكىلەرگە چارە – ئامال تېپىپ، ئۇنى كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا ئەمەلىيلەشتۈرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئامما ئارىسىدىكى نوپۇزىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  ‹‹قوشۇمچە رول››نى ياخشى ئېلىشتا ‹‹تۆتنى قىلماسلىق››قا ئەمەل قىلىش كېرەك

  2 – ئاپرېل كەچ، ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5 بولغان چاغ. بىز ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ قىزىلئۆي يېزىسى ئارابۇلاق كەنتىگە كەلگىنىمىزدە، بۇ كەنتتە تۇرۇۋاتقان جۇڭگو نېفىتچىلىكى تەبئىي گاز تىرانسپورت شىركىتى خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەنت كادىرلىرى بىلەن ئۆزئارا ئۆگىنىش قىلىۋاتقان ئىكەن. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ليۇ خۇلىن بىلەن مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ خۇيچېڭنىڭ قولىدا بىردىن ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئەلراينى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش خىزمەت قوللانمىسى›› تۇراتتى. ئۇلار كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قارى چايموننى ئارىغا ئېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تېرىلغۇ يەرنى ئورمانغا قايتۇرۇش تولۇقلىمىسىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتاتتى.

  ليۇ خۇلىن بىزگە مۇنداق دېدى: خىزمەت گۇرۇپپىسى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىدە يەرلىك كادىرلارغا ماسلىشىپ، كەنت خىزمىتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە ئارىلىشىشى، لېكىن ھۆددە ئېلىۋالماسلىقى؛ كەنت ئىشلىرىغا ياردەملىشىشى، لېكىن چات كېرىۋالماسلىقى؛ كەنت ئىشلىرىغا قاتنىشىشى، لېكىن كاشىلا قىلماسلىقى؛ ياخشى ئىشنى قىلىشى، لېكىن شەرەپ تالاشماسلىقى كېرەك.

  ليۇ خۇلىننىڭ قارىشىچە، ‹‹قوشۇمچە رول››نى ياخشى ئېلىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا ياخشى ماسلىشىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە خىزمەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، جاپالىقلىقى ۋە ئومۇمىيىتىگە قاراش كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى كادىرلار ئۇزاق مۇددەت ئاساسىي قاتلامدا ئىشلىگەن، شۇ يەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتى، ئۆرپ – ئادىتى ۋە ئومۇمىي ئەھۋالىنى بىلىدۇ، مول خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر يېزا سىياسىتى، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى بەك بىلىپ كەتمەيدۇ ياكى چوڭقۇر بىلىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر يېزا، كەنت كادىرلىرىدىن ئۆگىنىپ، نەزەرىيە، سىياسەتنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك.

  قىزىلئۆي يېزىسىنىڭ ئارابۇلاق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە مۇنداق قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەن، يەنى ئارابۇلاق كەنتى(مەھەللىسى) ئەسلىدە 1 – ئەترەتنىڭ كونا ئورنىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىدىكى 96 ئۆيگە 96 قوي قوتىنى سەپلەنگەن. ئەسلىدىكى 1 – ئەترەتنىڭ ئەزاسى رېسال ئىسمايىلنىڭ كونا ئۆيى چېقىۋېتىلىپ، بىنا ئۆيگە كۆچكەندە قوي قوتىنىغا ئىجارە ھەققى تۆلەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ سەل نارازى بولغان. رېسال ئىسمايىلنىڭ ئېيتىشىچە، بىنا ئۆيگە كۆچكەن 96 ئائىلىلىكتىن ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆيى چېقىلىپ كۆچكەنلەر 47 ئائىلىلىك بولۇپ، قالغان 49 ئائىلىلىك باشقا ئەترەتتىن كۆچۈپ كەلگەن، ئۆيى چېقىلمىغانلار ئىكەن.

  -ئۆيى چېقىلغان 47 ئائىلىلىكتىن ئۆيى چېقىلماي كۆچۈپ كەلگەن 49 ئائىلىلىك قاتارىدا قوي قوتىنى ئىجارە ھەققى ئېلىنسا، تازا باراۋەر بولمايدىكەن،- دېدى رېسال ئىسمايىل.

  خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بۇ ئەھۋالنى كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە يېزىلىق پارتكومغا مەلۇم قىلغان ھەم ئۆيى چېقىلغان 47 ئائىلىلىككە قوي قوتىنى ئىجارە ھەققى جەھەتتە ئېتىبار بېرىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن.

  خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر 14 –، 15 – مارت قىزىلئۆي يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋېن شۆجۈننى دېھقان – چارۋىچىلار ۋەكىللىرىگە ئالاقىدار سىياسەت ۋە بەلگىلىمە جەھەتتىن چۈشەنچە بېرىشكە تەكلىپ قىلغان ئىكەن. ۋېن شۆجۈن دېھقان – چارۋىچىلار ۋەكىللىرىگە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ۋە نەپىقە ئوبيېكتلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپتۇ، شۇنداقلا ئۆيى چېقىلغان 47 ئائىلىلىكنىڭ قوي قوتىنى ئىجارە ھەققى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ھەم ئۇلارنىڭ ئارابۇلاق مەھەللىسىدە يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيلەردىن ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي ئېلىشىغا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. ۋېن شۆجۈننىڭ سۆزى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ غەم – ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇپلا قالماي، يەنە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرگىمۇ جانلىق سىياسەت دەرسى بوپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر