باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو ياسوكۇنى ئىبادەتخانىسىغا نەزىر چىراغ بۇيۇمى بەردى

2014.04.22 09:06   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو 21-ئاپرېل كابىنېت ۋەزىرلىرىنىڭ نامىدىن ياسوكۇنى ئىبادەتخانىسىغا قەرەرلىك نەزىر چىراغ بۇيۇملىرى بەردى. ئابى شىنزو 2012-يىلى 12-ئايدا تەختكە چىققاندىن بۇيان، ئۆتكەن يىلى ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلدى ۋە كۈز پەسىللىك نەزىر چىراغ بۇيۇمى بەردى. ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ئابىشىنزو ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلدى.

  ئابى شىنزو ھاكىمىيىتى تەختكە چىققاندىن بۇيان، ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخنى جاھىللىق بىلەن پەدەزلەشتەك ئوڭچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويدى. ئابىشىنزونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كىشى، كابىنېتىنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز