باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن تۇماننى تۈزەش ۋە كىلىمات مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2014.04.22 09:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كىلىمات ئىشلىرى ئەزاسى كوننى ھىدگارت يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: كاربون ئوكسىدىنى قويۇپ بېرىشنى تۈزەش ساھەسىدە، ياۋروپا تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن تۇماننى تۈزەش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كىلىمات ئىشلىرى ئەزاسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مۇنداق دېدى: كوننى ھىدگارت خانىم يېقىندا جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ. كوننى ھىدگارت خانىم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتىمەن. ئىككى تەرەپنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقى قويۇقلاشتى. بۇ قېتىمقى سەپەردە مەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 2020-يىلىغىچە بولغان پارنىك گازانى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، كۆمۈر باھاسىنى قانداق بېكىتىش، سانائەت ساھەسىدىكى يېڭى ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىش نىسبىتى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچگە ئالغان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كاربون ئوكسىدىنى چىقىرىش سودىسى مېخانىزمدىن پايدىلىنىش، ۋە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئىلگىرلەشلىرىنى شەرھلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر