باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

9 ئۆلكە، شەھەردە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى تەڭشەلدى، ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن %13 ئەتراپىدا ئېشىپ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئەڭ تۆۋەن بولدى

2014.04.22 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

4-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە، 2014-يىلى مەملىكەت بويىچە جەمئىي 9 ئۆلكە، شەھەردە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى تەڭشىلىپ، ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن %13 ئەتراپىدا ئاشتى.
بۇ «ئىقتىساد پايدىلانما گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ ھەر قايسى جايلاردا ئۇدا ئاشكارىلانغان ئۇچۇر ئاساسىدا ئېلىپ بارغان ئىستاتىستىكىسى. ئىگىلىنىشىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى پات ئارىدا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ تەپسىلىي ئېلان قىلىدىكەن.
ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل چۇڭچىڭ، شەنشى، شېنجېن، شەندۇڭ، بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، سەنشى، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكە شەھەرلەردە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى تەڭشەلگەن. مۇتلەق سان نۇقتىسىدىن قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ۋە سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى شاڭخەي بولۇپ، ئايرىم ھالدا 1820 يۈەن ۋە 17 يۈەن بولغان. باشقا ئۈچ بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ سائەتلىك ئىش ھەققى 8.97 يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان، ئايلىق ئىش ھەققى 1560 يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان؛ تيەنجىن شەھىرىنىڭ سائەتلىك ئىش ھەققى 16.8 يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان، ئايلىق ئىش ھەققى 1680 يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان؛ چۇڭچىڭنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى سائەتلىك ئىش ھەققى 12.5 يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان، ئايلىق ئىش ھەققى 1250 يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)


مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر