باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى يەمەندىكى بازا تەشكىلاتىغا ھۇجۇم قىلىپ 30 كىشىنىڭ قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

2014.04.22 09:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەمەننىڭ ئابىيان ئۆلكىسىنىڭ بىخەتەرلىك ئەمەلدارى 20-ئاپرېل مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى بۇ ئۆلكىدىكى بازا تەشكىلاتىنىڭ كۆپلىگەن نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، تېررورچى ئۇنسۇردىن 30 ئېتىپ تاشلىدى.

  ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بۇ بىخەتەرلىك ئەمەلدار شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى 20-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇندىن باشلاپ جەنۇبىي قىسىمدىكى ئابىيان ئۆلكىسىدىكى بازا تەشكىلاتىنىڭ مەشىق قىلىش لاگىرى بىلەن ئاپتوموبىل ئەترىتىگە كۆپ قېتىم زەربە بېرىپ، بازا تەشكىلاتى قۇراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ بىر ئەمەلدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 كىشىنى ئېتىپ تاشلىدى ئۇن نەچچە كىشىنى يارىلاندۇردى.

  ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، يەمەن ئارمىيەسى تىك ئۇچار ئايروپىلان چىقىپ قوشنا ئۆلكە شىپوۋو ئۆلكىسىدىكى بازا تەشكىلاتىغا زەربە بەردى، نۆۋەتتە ئۆلۈم-يىتىم ۋەقەسى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر