- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكا پۇتىننى بىۋاسىتە جازالىماقچى بولدى
2014.04.22 09:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئەنگلىيەدە چىقىدىغان تايمىس گېزىتىنىڭ 18-ئاپرېلدىكى خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: ئىسىمنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان خەۋەردار ئەرباب ئامېرىكا رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننى بىۋاسىتە جازالاشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئۇستىدە ئېزدەنمەكتە، دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە پوتىننىڭ شۋېتسارىيىدە ئاچقان ھېساباتىدا 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئامان قويۇلغان دەپ كۆرسەتكەن.
شەرقىي ئۇكرائىنادىكى مۇئەللىمانچىلىقنىڭ يامانلىشىش بىلەن ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كىيىن، ئامېرىكا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر رۇسىيە ئۇكرائىنا كرىزىسىنى پەسەيتىشكە ياردەملەشمەيدىغان بولسا، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا بۇندىن ئىلگىرى يولغا قويغان جازالىشىدا پوتىننىڭ قوللىغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىراق پوتىن بۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر