باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

نۇر گېزىتىدە شى جىنپىڭنىڭ جيا داشەننى ياد ئېتىپ يازغان ماقالىسى ئېلان قىلىندى

2014.04.22 08:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-يانۋار، خېبېيلىق يازغۇچى كاڭ جىگاڭ بىلوگىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ 1998-يىلى ئېلان قىلغان «داشەننى ياد ئېتىمەن» ماۋزۇلۇق تەزىيە بىلدۈرۈش ماقالىسىنى بېسىپ تارقاتتى، ماقالىدا ئۇنتۇلغان كەچۈرمىش خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ھەقىقىي مۇھەببەت كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. ماقالە«نۇر گېزىتى» قاتارلىق بىر قانچە گېزىتتە بېسىلغاندىن كېيىن، خەلقنىڭ كۈچلۈك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى.

  شى جىنپىڭ بۇ ماقالىسىدا مۇنداق دەپ يازدى: 1982-يىلى باش باھار مەندىن مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگاندىن ئايرىلىپ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ چېنىقىش تەلەپ قىلىندى، مەن تەشكىل تەرىپىدىن جېندىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا تەيىنلەندىم. داشەن يازغۇچى بولۇپ، ئۇ جەمئىيەتتىكى كىشىلىك ھاياتنى ئېنىق كۆزىتەلەيدىغان چوڭقۇر قاراش ۋە ئۆزگىچە نەزەر دائىرىسىگە ئىگە. ئۇ سەمىمىي، ئاقكۆڭۈل، شاپائەت ۋە ئاداۋىتى ئېنىق، ناھايىتى ئىقتىدارلىق، ئوي پىكىرى ئېنىق ئادەم. كىشىلەرنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان بەزى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە قارىتا دائىم ئۆزىنىڭ مۇپەسسەل، ئۆزگىچە، مۇۋاپىق پىكىرى ۋە كۆز قارىشى بار ئىدى. شۇڭا مەن داشەن بىلەن قەدىناس دوست بولۇپ ئۆتكەندىن باشقا، يەنە ئۇنى جەمئىيەتتىكى خەلق رايىنى ۋاقتىدا ئىگىلەيدىغان كۆزنەك ۋە يول دەپ قارايتتىم. ئۇنى مېنىڭ مەمۇرىي خىزمەت ئۆتەش ۋە ئادەم بولۇشتىكى مەسلىھەتچىم ۋە ئۈلگەم قىلغان ئىدىم.

  داشەن پارتىيەسىز دېموكراتىك زات، ئەمما ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى پارتىيە ۋە دۆلەت، خەلقنىڭ تەقدىرىدىن ئايرىپ قارىغان ئەمەس. پارتىيەمىزنىڭ سىياسىتىدە بەزى نۇقسانلار ۋە ناچارلىشىش كۆرۈلگەندە، دۆلەت، خەلق قېيىنچىلىق ۋە ئاپەتكە يولۇققاندا؛ پارتىيە ئىچىدە چىرىكلىشىش ئالامىتى يامراپ كەتكەندە، قىسمەن مالىمانچىلىق كېلىپ چىققاندا، ئۇنىڭدا دۆلەتنىڭ ۋە خەلقىنىڭ غېمىنى يېيىش كەيپىياتى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتەتتى. ئۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك تارىخىي ۋە مەدەنىيەت ساۋاتلىرىنى تولۇق ھەرىكەتلەندۈرۈپ، يۇمۇرلۇق سۆزلەر بىلەن ئەقىلگە مۇۋاپىق ھالدا تەھلىل قىلىپ، ئۈمىدۋار، كەڭ قورساق كەيپىياتتا كىشىلەرگە نەسىھەت بېرەتتى، ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتەتتى. زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش ۋە ھەل قىلىش خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بىر يازغۇچىلىق مەسئۇلىيىتى ۋە ئەخلاق-پەزىلىتىنى ئۇنتۇپ قالمىدى، رومان يېزىشتىن ئىبارەت يازغۇچىلىق ئۇسۇلىدا راست، سەمىمىي، گۈزەللىكنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەدىھلەپ، ساختا، ناچار، سەتچىلىكلەرنى رەھىمسىز ھالدا پاش قىلىپ ۋە قامچىلاپ، كىشىلەرگە كىشىلىك تۇرمۇشنى بىلىندۈرمەي ھېس قىلغۇزۇپ، راست يالغاننى، ئاق قارىنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغۇزۇپ، كىشىلەرگە ئۈمىد ۋە نۇر بېغىشلاپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشقا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.

  مەن جېندىڭدىكى چاغلىرىمدا، مەيلى خىزمەت ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن داشەننىڭ نۇرغۇن قوللىشىغا ۋە ياردىمىگە ئېرىشكەن ئىدىم، ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىلغان ئىدى.

  1997-يىلى 20-فېۋرال كەچتە جيا داشەن كېسەل سەۋەبىدىن 54 يېشىدا ۋاپات بولدى.بۇ شۇم خەۋەر يېتىپ كەلگەندە مەن ئىنتايىن قايغۇردۇم. داشەن كەتتى، ئۇ بەك تېز كېتىپ قالدى، ئۈنتېنسىزلا كېتىپ قالدى. ئەمما ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ، خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان، پاك دىيانەتلىك، تىرىشچان ئىستىلى، ساپ دىل سەمىمىي كۆڭلى، راستچىل ئاق كۆڭۈل خىسلىتى، قەيسەر ھەم ھەققانىيەتچىل، ياماندىن قاتتىق يىرگىنىدىغان روھى خۇددى ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۆچمەس ئىجادىيەتلىرىگە ئوخشاش كىشىلەر ئارىسىدا مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر